ئىستانبۇلدا مەرۋايىت خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا، گېرمانىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىم تەرىپىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىنى ئىپادىلىگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

رەسىم كۆرگەزمىگە يەنە مەرۋايىت خانىم ئۆزى سىزغان ئىستانبۇلنىڭ مەشھۇر ئورۇنلىرىدىن بۇغازئىچى كۆۋرۈكى، سۇلتان ئەخمەت مەسچىتى، ئاياسوفىيا قاتارلىق مۇھىم تارىخى ئورۇنلارنىڭ رەسىملىرىمۇ قويۇلغان.

بىز بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ھەققىدە كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.