خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېستونىيە پايتەختى تاللىن شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى، ئىنسان ھەقلىرى شۇنداقلا دېموكراتىيىلىك قەدرىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىشتىكى رولى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.
ئۇنىڭدا بولۇپمۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا جەلپ قىلىشتا ھەم ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر بويىچە كۆپلىگەن پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تارىخى ۋاقە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
بۇ يۆنىلىشتە قىلىنىدىغان ئىشلارنى ۋە ئاتقۇرىدىغان ۋەزىپىلەرنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئۆز ھۆددىسىگە ئالماقچى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئاسىيەم ھاشىم مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ئۈستىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.
