بۇ ھۆججەتكە دەسلەپتە رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئەرمىنىيە، ئۆزبېكىستان، ئاندىن گرۇزىيە، بېلورۇسىيە ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرى قول قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى تەشكىلات ئەزالىرىنى ھەر قانداق تاشقى ھەربىي-سىياسىي باسقۇنچىلاردىن، خەلقئارالىق تېررورچىلاردىن ۋە تەبىئىي ئاپەتلەردىن قوغداشقا قارىتىلدى. ئەمما بېلورۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى سۈركىلىشلەر يۈز بېرىپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەشكىلاتنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىغا سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى، يەنى رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئەرمىنىيە، ئۆزبېكىستان ۋە بېلورۇسىيە پرېزىدېنتلىرى 15-مايدا موسكۋادا باش قوشتى. بۇنىڭدىن توپ-توغرا 20 يىل ئىلگىرى تاشكەنت شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا مەخسۇس ھۆججەت قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭدا خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، شۇ جۈملىدىن ياۋروپادا راكېتاغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلىرىغا نىسبەتەن تەشكىلاتنىڭ مەۋقەسى كۆرسىتىلگەن. ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى شۇنداقلا ئافغانىستان ئەتراپىدا شەكىللەنگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى، يېقىن شەرق، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ 20 يىل داۋامىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەم ئۇنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رولى ھەققىدە دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئانالىزچىلىرىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار تەشكىلات ئالدىدا يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ «رېگىئون» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «مەركىزىي ئاسىياغا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ نېمە كېرىكى؟» ناملىق ماقالىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پارلامېنت ئاسسامبىلېيىسىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك بويىچە دائىمىي كومىسسىيىسى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك بويىچە پارلامېنت كومىتېتىنىڭ رەئىسى توقون مامىتوف تەشكىلات ئالدىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «تەشكىلات بۈگۈن تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەرتىشلەرگە ۋە ئىسلاھاتلارغا موھتاج. بۇنى بىز 2010-يىلى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئىيۇن پاجىئەسى مىسالىدا كۆردۇق، ئۇ ۋاقىتتا تەشكىلات توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا قانداقلا بولمىسۇن بىرەر ياردەم بېرىش قارارىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئاجىزلىق قىلدى. شۇڭلاشقا نېمە ئۈچۈن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى قۇرۇلمىلىرىدا شۇنداق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش بويىچە خەلقئارا تەجرىبىلەر ئالدىن-ئالا ئۆگىتىلمىدى، ھەم نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنداق مۈشكۈل ۋەزىيەتتە تېگىشلىك تۈردە پايدىلىنىلمىدى، دېگەن قانۇنىي سوئال پەيدا بولىدۇ.» ت. مامىتوف بۇنىڭ بارلىقىنىڭ تەشكىلات ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بەزى مەسىلىلەرگە ھەم ئۆز ۋەزىپىلىرىگە تولۇق دېگۈدەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىدىن ھەم ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىدىن دەپ بىلدى ھەم ئۆز نۆۋىتىدە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەمدى «ئىزۋېستىيا رۇ» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇرۇنۇشى نەتىجە بەرمىدى» ناملىق ماقالىدە تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى نىكولاي بورديۇژا بۇ تەشكىلاتنىڭ 2004-يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى شۇنداقلا خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا قىزىل كرېست كومىتېتى ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئەمدى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە ناتو بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجە بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ناتو رەھبەرلىكى بۇ تەشكىلات بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشتىن باش تارتىپ، پەقەت تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن ئايرىم باغلىنىش ئورنىتىش مەۋقەسىدە تۇرۇۋالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا تەشكىلاتنىڭ بەزى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىسىمۇ، بۇ يەردە بولۇپمۇ رۇسىيىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى بىلەن كېلىشمەيدىغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق كۈچلىرى باش شتابىنىڭ باشلىقى مىخايىل موئىسېيېف «رۇسىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئارتيېم كوبزېف بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ناتو بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئەمدى خىتاي بىلەن ئىلگىرىمۇ ھەم ھازىرمۇ دائىم ئىتتىپاقلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
