ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئەلىشىر ناۋايى دىۋانلىرىنى نەشرگە تەييارلىماقتا

2-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە داۋام قىلىۋاتقان ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى چىقتى.

0:00 / 0:00

بۇ ئىككى كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلار، تۈرك ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن نەۋايىشۇناس مۇتەخەسسىس ئەدىب ۋە ئالىملار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان ئىدى. مۇھاكىمە داۋامىدا ئۇيغۇر ۋە خەلقئارالىق ناۋايىشۇناسلارنىڭ 40 تىن ئارتۇق نادىر ئىلمىي ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. كېلەر يىلى ئىچىدە مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمىنىڭ نەشردىن چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى

ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلانغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-نويابىردىن 3-نويابىرغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى كۈن مۇھاكىمە، بىر كۈنلۈك زىيارەت ۋە سۆھبەت پائالىيەتلىرى بىلەن ئاياغلاشماقچى. 2-نويابىر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە قىسمى ئاياغلىشىپ خۇلاسە چىقىرىلغان. يىغىن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا ئۇيغۇر ناۋايىشۇناسلاردىن پېشقەدەم تىلشۇناس تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمان، مەمەت تۇردى مىرزائەخمەت، ئابدۇقەييۇم خوجا، ئىسراپىل يۈسۈپ، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق تىلشۇناس، ئەدىب ۋە تارىخشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن باشقا يەنە گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىنمۇ مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ نەۋايىشۇناسلىققا دائىر 40 پارچىدىن ئارتۇق نادىر ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ھەمدە بۇلار توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر بولغان. ئۇيغۇر ۋە چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە يەنە بىر قېتىم يۇقىرى باھالار بېرىپ، ئۇنىڭ جەزملەشكەن تۆھپىسىگە يەنە پەخىرلىك تۇيغۇلىرى بىلەن ئاپىرىنلار ئوقۇغان، مۇتەخەسسىسلەر ناۋايى ۋە ئۇنىڭ قالدۇرغان نادىر ئەسەرلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قانچە كونكرېت تەتقىقات تۈرلىرى ھەققىدە كېلىشىشكەن.

ئەمما، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر ۋە تەشۋىقات تورلىرىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئۇيغۇر ناۋايىشۇناسلاردىن مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئىسراپىل يۈسۈپ باشلىق يەنە بىر قانچە ياش مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن «چاھار دىۋانى»نىڭ بىر قىسمى نەشرگە تەييارلىنىپ يىغىنغا سوغا سۈپىتىدە سۇنۇلغان، بۇ كىتاب يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، خىتاي ۋە ئىنگلىزچە بولۇپ ئۈچ تىلدا نەشردىن چىقىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەردىكى مەمنۇنلۇق

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى خۇلاسىلەنگەندىن كېيىن، يىغىننىڭ ئەڭ زور نەتىجىسىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرگە تېلېفون قىلىپ سورىدۇق، گەرچە ئۇلار يىغىن داۋامىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبلىك زىيارىتىمىزنى رەسمىي قوبۇل قىلىشنى بىئەپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى ۋە نەتىجىسىنى ناۋايىنىڭ تۆت چوڭ دىۋانىدىن تەركىب تاپقان «چاھار دىۋان» نىڭ جەمئىي 12 توم كىتاب قىلىپ تولۇق نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ تەستىقلەنگەنلىكى» دەپ بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ 12 تومدىن تەركىب تاشقان ناۋايى دىۋانلىرى كېلەر يىل ئاخىرغىچە نەشرگە تەييارلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر،ئەدىب ئەلىشىر ناۋايىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىنكى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ۋەكىلى شەرق ئويغىنىشىنىڭ نامايەندىسى، ئۇتتۇر ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئەدپشۇناس، تىلشۇناس، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك پەن مەدەنىيەت نامايەندىسى. ئەلىشىر ناۋايى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى خۇراسان مەملىكىتىنىڭ مەركىزى ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۇنىڭ ئەسلى قوللانغان ئىسمى نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋايى، تۈرۈك تىلىدىكى ئىجادىيىتىدە قوللانغان تەخەللۇسى ناۋايى، پارس تىلىدا قوللانغان تەخەللۇسى فانى.
ئۇ 1501-يىلى 1-ئاينى 3-كۈنى ھېراتتا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەلىشىر ناۋايى 60 يىللىق ھاياتىدا زور كۈچ ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ نۇرغۇن بۈيۈك ئابىدىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

بۇنىڭ نادىر نامايەندىلىرىدىن، دىۋانلار يەنى تۆت چوڭ دىۋاندىن تەركىب تاپقان «چاھار دىۋان.»
«خەمسە» دىن ئىبارەت «ھەيرەتۇلئەبىرا»، «پەرھاد ۋە شېرى»،«لەيلى ۋە مەجنۇن»، «سەببئىئې سەييارە»، «سەددى ئىسكەندەر» بەش مۇھەببەت داستانىدىن تەركىب تاپقان داستانلار توپلىمى بار.

بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە تەزكىرىلەر، تىل ۋە ئەدەبىيات، دىنىي ئەخلاق پەلسەپىۋى ئەسەرلەر، تارىخىي ئەسەرلەر، ۋەسىقىلەر بولۇپ مىڭلىغان بىر-بىرىدىن قىممەتلىك بەدىئىي ئەسەرلىرى ۋە چوڭقۇر پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە تەرەققىيپەرۋەر، ھىكمەتلىرىنى بىزگە قالدۇرغان.

نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا، مىللىي مائارىپىدا، تارىخ تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپلا قالماي، 12 مۇقام مىلودىيىلىرىگە سىڭىپ ھازىرغا قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان شېئىر، داستانلىرى بىلەنمۇ، ئۇيغۇرسەنئەت ساھەسىدە پەۋقۇلئاددە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

نەۋايى ئىنسانىيەت كلاسسىك ئەدەبىيات، سەنئەت ساھەسىدىكى قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسى بىلەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە بارلىق تۈرك ھەم پارس تىللىق مىللەتلەر ئورتاق پەخىرلىنىدىغان پەۋقۇلئاددە شائىر ۋە ئەدەبىيات نەمۇنىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ پەن مەدەنىيەت ئورگىنى ئۇنىڭ ئىنسانىيەت پەن مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھۆرمىتىگە 1991-يىلىنى ناۋايى يىلى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

نەۋايى تەتقىقاتلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىمۇ ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.