ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىتتىپاققا ئۆزگىرىش ئالدىدا

ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى تەرەققىي قىلىپ ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، بۇ ئۆزگىرىش ئاسانغا توختىمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى كۆپ سانلىق بۇ پىكىرنى قوللىغان بولسىمۇ، بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلارمۇ بار ئىكەن.

مەلۇمكى، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق كېڭىشى بولۇپ، بۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ئومان، قاتار ۋە كۇۋېيت قاتارلىق 5 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى 1981-يىلى 25-ماي كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كېڭەشنىڭ قارارگاھى ھازىرمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدە بولۇپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 14-ماي كۈنىدىكى سانىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 14-قېتىم كېڭەش يىغىنى باشلانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رىياد شەھىرىگە توپلاشقان. يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن 13-ماي كۈنى باشلانغان بولۇپ، يەنە بىر قانچە كۈن داۋام قىلىدىكەن. يىغىندا ئاساسەن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنى ئىتتىپاققا ئۆزگەرتىش مەسىلىسى تارتىشىلىدىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 14-ماي كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنى ئىتتىپاققا ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلار ۋە ئىككىلىنىپ قالغانلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئىككى مەسىلىنى زادى چۈشىنىش قىيىن بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنى ئىتتىپاققا ئۆزگەرتىش پىكرىدىكىلەر بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇلماي تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھېچبىرى ئۆزلىرىنىڭ شۇ مەۋقەگە كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلمىغان. قوللىغانلار نېمە ئۈچۈن قوللايدىغانلىقىنى، قوللىمىغانلار نېمە ئۈچۈن قوللىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېيتقان ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپ سۈكۈت قىلىشنى ئەۋزەل كۆرمەكتە.

كېڭەشتىن ئىتتىپاق زۆرۈردۇر

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنى ئىتتىپاققا ئۆزگەرتىش پىكرى تاسادىپىيلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان پىكىر ئەمەس. بەلكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاققا ۋە بىرلىككە موھتاج. بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە كرىزىسى ئەرەبلەرنى كۈچىنى بىرلەشتۈرۈشكە ۋە ھەر قانداق بىر خەتەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىي قەتلىئاملارغا ھەممە دۆلەت خۇددى تاماشا كۆرگەندەك قاراپ تۇرماقتا. مۇنداق بىر شارائىتتا ئەرەبلەرنىڭ ئىتتىپاققا كېلىپ كۈچلىنىشكە بولغان ئېھتىياجى باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن ئەلۋەتتە زور.»