شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بىرلا كېلىپ كېتىدىغان بۇ دۇنيادا ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى مەنپەئەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ دۇنيادا بەزىلەرنىڭ ھاياتى قەدىرسىزلا توزۇپ كېتىدۇ ۋە ئۇلار ئارقىدا تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ياخشى ئەسلىمە قالدۇرماستىنلا ئالدىراپ كېتىپ قالىدۇ.
2012-يىلى 1-فېۋرال چارشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ پورسەئىد شەھىرىدىكى بىر پۇتبول زالىدا مىسىرنىڭ ئەھلى ۋە مىسرى ناملىق ئىككى پۇتبول گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەل-ماجىرا بىر ئاندىلا قانلىق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يۈزلەرچە كىشى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى.
مىسىردەك ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك سانالغان بىر دۆلەتتە يۈز بەرگەن بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال، ئەھمىيەتسىز ئاققان قانلار ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل رىياد» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 2-فېۋرال سانىدا، «مىسىردا پۇتبول قەتلىئامى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:
«مىسىر تېلېۋىزىيىسى تۈنۈگۈن ئاخشام مىسىرنىڭ پورسەئىد شەھىرىدە يۈز بەرگەن پۇتبول ماجىراسىنى نەق مەيداندىن كۆرسەتتى. شۇ كۈنى پورسەئىد شەھىرىنىڭ پۇتبول زالىدا مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول گۇرۇپپىلىرىدىن ئەھلى بىلەن مىسرى ئوتتۇرىسىدا پۇتبول ئوينىلىپ، مىسرى گۇرۇپپىسى بىرگە قارشى ئۈچ ئۇتۇق بىلەن ئەھلى گۇرۇپپىسىنى يېڭىپ چىققان ئىدى. نەتىجە ئېلان قىلىنىش بىلەنلا بۇ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تاش، كىرپىش، ئەينەك قاتارلىقلارنى ئېتىشىش بىلەن جېدەل-ماجىرا باشلىنىپ كەتتى. ئاخىرى بۇ ماجىرا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئاخىرلىشىپ، نەق مەيداندا73 ئادەم ئۆلدى ۋە 100 دىن كۆپرەك ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى. بۇ ئەھۋال ئەرەب باھارىنى باشلاش بىلەن جىمى ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئۈلگە ياراتقان ۋە ھەممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان مىسىر خەلقىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ياراشمىغان شەكىلدىكى بىھۇدە قان تۆكۈش بولغانلىقتىن، بارچە ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ئەپسۇسلىنىش، ئەيىبلەش ۋە قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلىش پەيدا بولدى. بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئىنكاسلار يېزىلدى.»
نىشانسىز ئاققان قاننىڭ قەدرى يوق
مەزكۇر گېزىت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان تەھلىل ماقالىلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىردىكى پۇتبولچىلار پۇتبولغا ھەققىدىن ئارتۇق قىممەت بەرگەن. ئەسلىدە دوستانىلىك بىلەن ئوينىلىدىغان بۇ توپ ئويۇنى قارشى تەرەپكە جىنىنى تىكىپ ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان ۋەھشىي شەكىلگە كىرىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جاھالەتتىن كېلىپ چىققان ئىش. ئەرەب باھارىنى قوزغاپ ھاياتىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە يازدۇرغان كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە، بىر ئويۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا كىرىپ قەدىرسىز ئۆلگەنلەرنىڭ بۇ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولماقتا. بۇلار شۇنداق قەدىرسىز ئۆلۈم بىلەن نابۇت بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانلارمىدى ياكى ئۇلار ھاياتنىڭ قەدرىنى بىلمىدىمۇ؟ بۇ تەرىپى ئېنىق ئەمەس. ھاياتىنى قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىش ياكى ئەرزان قىلىپ قويۇش ھەركىمنىڭ قولىدىكى ئىش. مىسىردا 25-يانۋار نامايىشىدا خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ھۆرىيەت يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلارنىغۇ ‹خەلق قەھرىمانلىقى› دەپ ھۆرمەتلەپ خەلق ياد ئېتەر. ئەمدى بىر پۇتبول ئويۇنى سەۋەبلىك بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلگەنلەرگە نېمە دەپ نام بېرىش كېرەك؟»
