0:00 / 0:00
دۆلەت مەبلىغى ھېسابىغا چىقىۋاتقان گېزىتلەردىن تاشقىرى شەخسىيلەرنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھامىيلىقىدا بىر قاتار گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىراجەت يوقلۇقى سەۋەبىدىن ئىشىنى توختاتقان بولسا، بەزىلىرى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى "ئاسىيا بۈگۈن"ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل گېزىتتۇر.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى ئىبرايىمجان سابىروف گېزىتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
