جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى 1992-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 20 يىل مابەينىدە ئاۋسترالىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ھەم كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن ئەدەبىيات، تارىخ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا كەسپى ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن دەرسلەر بېرىلىپ كەلگەن. ئانا تىل ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ۋە سالاھىيىتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ھازىرقى 80 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان 4 سىنىپ بارلىققا كەلگەن.

ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپىيىش ھەم باشقا ئېھتىياجلارغا ئاساسەن 7 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ تۇنجى قېتىملىق «سەبىيلەر ساداسى» ناملىق ژۇرنىلىنى 2011-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ نەشر قىلغان. ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىغان بۇ ژۇرنال، ئادىلايد شەھىرىدە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر، دىنىمنى ئۆگىنىمەن، ئاتىلار سۆزى، ئەقىلنىڭ كۆزى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيىسى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، ئىجادىيەت كۆزنىكى، بالىلار سەھىپىسى، گۈلشەندىن گۈلدەستە، خاسىيەتلىك تائاملىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە بىلىۋېلىڭ قاتارلىق رەڭدار سەھىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.
ئاۋسترالىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئانا تىلىنى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۆگەنگەن، ھازىرقى سەبىيلەر ساداسى ژۇرنىلىنىڭ لايىھە ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۆزىمىزنىڭ يىلتىزى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئۆگەندۇق. مانا ئەمدى شۇ ئۆگەنگەن تىلىمىز بىلەن بىزگە ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن ئۇيغۇر مەكتىپىمىزنىڭ ژۇرنىلىنى ئىشلەۋاتىمىز. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ھەم سەبىيلەر ساداسى ژۇرنىلى گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ جاپالىق خىزمەتلىرى بىلەن ژۇرنىلىمىز ۋاقتىدا نەشر قىلىنىۋاتىدۇ ھەم سەھىپىلىرى تېخىمۇ رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىمىز: ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەربىيىلەپ چىقىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش. يەنە بىر پىلانىمىز، ھەر ئايدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ژۇرناللىرىمىزنى توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش. ئۇنى تارقىتىشنى ئاۋسترالىيە بىلەنلا چەكلەپ قالماي، باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ يەتكۈزۈش. ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بەلگىسى. تىلىمىز يېقىنقى زاماندىن بېرى خىتاينىڭ ھەرخىل ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلدى. تىلىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇم دىنىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى. ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلىمىزنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«سەبىيلەر ساداسى» ژۇرنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنۇلارنى دېدى:
-مەن ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ سەبىيلەر ساداسى دېگەن ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى نەشرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مۇشۇ يەردىكى ئۇيغۇر مەكتىپىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر گېزىت-ژۇرنال چىقىرالىشى بىزدىكى چوڭ بىر ھالقىش. مەن جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ھەم تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، بالىلارغا دائىر ئەسەرلەرنى يەنە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ھەر تەرەپتىن ياردەم بېرىشكە تىرىشىمىز.
سەبىيلەر ساداسى ژۇرنىلى گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ھەم ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە مۇقاۋا لايىھىلەش ھەم «مېنىڭ ئىجادىيەتلىرىم» قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى يولغا قويغان.
