ئالماتادا كۆرنەكلىك ژۇرنالىست تۇداخۇن نەزەروف خاتىرىلەندى

21-ماي كۈنى ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە كۆرنەكلىك ژۇرنالىست تۇداخۇن نەزەروف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان «ئەڭ ئېغىر پەيتلەردىمۇ قەدر-قىممىتىنى يوقاتمىغان» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

ئالىملار، ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر، مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم دوست-بۇرادەرلىرى قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمنى ئېلىپ بارغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يولداش ئازاماتوف ت.نەزەروفنىڭ قىسقىچە تەرجىمە ھالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارما رەئىسى سېيىتقازى ماتايېف، قازاقىستاننىڭ پەخرىي ژۇرنالىستى، «ئېگېمېن قازاقىستان» گېزىتىنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى مامادىيار ژاقىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ساغىنباي قوزىبايېف، ئاقتاۋ شەھىرىدىن كەلگەن مەرھۇمنىڭ ساۋاقدىشى ھەم كەسىپدىشى نادىرباي قىدىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شەردىنوف، شۇنداقلا بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ت.نەزەروفنىڭ ھاياتى ھەم ئەمگەك پائالىيىتى، ئۇنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر كىتابتا ت.نەزەروف بىلەن بىر قاتاردا ئوقۇغان ھەم ئىشلىگەن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ مەرھۇم ھەققىدىكى خاتىرىلىرى ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ت.نەزەروفنىڭ «كوممۇنىزم تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 1986-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئالماتا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قازاق ياشلىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋاقتىدا ئۆز لاۋازىمىدىن قانۇنسىز بوشىتىلغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش بىلەن تەكىتلىگەن. مەسىلەن، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى سېيىتاخۇن مەشۈروف بۇ ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«1986-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئالماتادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە دائىر سوت جەريانىدىن ‹كاز تاگ› چۈشۈرگەن سۈرەتلەرنىڭ گېزىتكە بېرىلىشى كولبىن رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ناتوغرا دەپ تېپىلىپ، بىر نەچچە گېزىتلەرنىڭ بىرىنچى رەھبەرلىرى قاتارىدا تۇرداخۇن نەزەروفمۇ باش مۇھەررىرلىك خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ناھەقتىن-ناھەق بوشىتىلدى.»

ئۇ شۇنداقلا ت.نەزەروفنىڭ 22 يىل داۋامىدا گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ھەم باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن پەيتىدە، گېزىتنىڭ مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن خېلى ياخشىلانغانلىقىنى، چوڭ ھەجىم بىلەن ھەپتىسىگە بەش قېتىم چىقىدىغان بولغانلىقىنى، گېزىتنىڭ شۇنداقلا بىر نەچچە قېتىملىق بايقاشلاردا غالىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

ت.نەزەروف يەتتە يىل مۇخبىر، بۆلۈم باشلىقى، 14 يىل باش مۇھەررىرنىڭ ئورۇنباسارى، سەككىز يىل باش مۇھەررىر لاۋازىملىرىدا ئىشلەش جەريانىدا ھەقىقىي كەسپىي ژۇرنالىست، تەجرىبىلىك رەھبەر سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ئىدى. ئۇ باش مۇھەررىرلىكتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا بىر نەچچە يىل ئىشلەپ، ھۆرمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان ئىدى.

ت.نەزەروفنىڭ كەسىپدىشى، تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى شېرىپاخۇن ئاكا باراتوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.