«قان ئىچەر ئۈچ ھاجى» كىملەر ئىدى؟

1930-ۋە 1940-يىللاردا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئالاھىدە خادىملىرىنى مەخپىي ۋەزىپىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەنىدى.

0:00 / 0:00

ئۇلار ك گ ب نىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە پىلانلىق تۈردە چېگرادىن ئۆتۈپ مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تىكلىگەن ھاكىممۇتلەق ھەربىي ھاكىمىيىتىگە يانتاياق بولغانىدى. ئۇندىن باشقا ئۇلار يەنە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەسىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك بىر قاتار ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ھەر مىللەتتىن بولغان ئالاھىدە خادىملار ئىچىدە خەلق ئارىسىدا «قان ئىچەر ئۈچ ھاجى» دەپ نام ئالغان سىرلىق شەخسلەر ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

ئۇنداقتا، ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا «ھاجى» دېگەن مۇبارەك نامنى قوشۇۋېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى ئورۇنلىرىغا باشلىق بولغان، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى قان يىغلاتقان بۇ «ئۈچ ھاجى» كىملەر ئىدى؟ ئۇلار قانداق شارائىتتا، نېمە ۋەزىپىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن؟ ئۇلار يەنە 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا قانداق جاراھەتلەرنى قالدۇردى؟

يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانىنىڭ 2-قىسمىدا ك گ ب نىڭ ئالاھىدە خادىملىرىدىن بولغان «ئۈچ ھاجى» نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى ئاپرېسېفنىڭ تەۋسىيىسى ھەمدە شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپى بويىچە مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، «گۆش يۈزلۈك، پولتاي كۆز» سېيىت ھاجى، ئىككىنچىسى، «تاز چىراي، بادام دوپپىلىق» ھاشىم ھاجى، ئۈچىنچىسى، «بۈدۈر چاچلىق، سۆرۈن تەلەت» قادىر ھاجى ئىدى. يەنە بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەر بولۇپ، بالا چاغلىرىدا ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگىشىپ سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بارغانلار ئىكەن. ئۇلار شۇ يەردە ئوقۇپ مەلۇم سەۋىيىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ك گ ب تەرىپىدىن تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىنىپ موسكۋا ۋە باشقا جايلاردا ئالاھىدە خادىم سۈپىتىدە تەربىيىلەنگەن. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن ك گ ب تەرىپىدىن ئالاھىدە ۋەزىپىلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن شەخسلەر ئىدى. باش كونسۇل ئاپرېسېف يەنە شېڭ شىسەيگە تەكلىپ بېرىپ سېيىت ھاجىنى ئۈرۈمچىدىكى، ھاشىم ھاجىنى قۇمۇلدىكى، قادىر ھاجىنى قەشقەردىكى ساقچى ئىدارىلىرىگە مەسئۇل خادىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 1935-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئۈچ ھاجى» چېگرادىن ئۆتۈپ، شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن مەھكىمىسىگە يېتىپ كېلىدۇ. شېڭ شىسەي سوۋېت باش كونسۇلى ئاپرېسېفنىڭ پىكرى بويىچە دېگەندەك سېيىت ھاجىنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوراق-تېرگاۋ باشقارمىسىغا، ھاشىم ھاجىنى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە، قادىر ھاجىنى بولسا قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ستالىننىڭ قىزىل تېررورلۇق يىللىرىدا ك گ ب نىڭ سىستېمىلىق تەربىيىسىنى ئالغان بۇ سىرلىق ئۈچ شەخسنىڭ بىردىنلا ئۈرۈمچى، قۇمۇل ۋە قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم جاينىڭ ساقچى ئورۇنلىرىغا مەسئۇل خادىم قىلىپ ئەۋەتىلىشىدە ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ ھەم شېڭ شىسەينىڭمۇ سوققان چوتلىرى بار ئىدى.
سېيىت ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك باش ساقچى ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىشىدا ئۇنىڭ ك گ ب دىن ئۆگەنگەن «كوممۇنىزم دۈشمەنلىرى»نى سوراق-تېرگاۋ قىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدە قابىلىيىتى ۋە خىزمەت تەجرىبىسى سەۋەب بولغانىدى. 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئېتنوگرافىيەلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن، كېيىنچە ئاقسۇدا سوۋېت ئىشپىيونلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ بىر مەزگىل شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىدە ياتقان ئامېرىكىلىق ياش ئەھمەد كامال «تەبەسسۇم يىتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە سوۋېت ئالاھىدە خادىمى سېيىت ھاجى تەرىپىدىن سوراق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەھمەد كامالنىڭ يېزىشىچە، سېيىت ھاجى قازاق بولۇپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتۇلغان چەتئەللىكلەرنى، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەم قويغان «كوممۇنىزم ئىدىيىسى» گە قارشى بولغان ئەجنەبىيلەرنى سوراق قىلىش جەھەتتە شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالالايدىغان ك گ ب خادىمى ئىكەن. ئۇ ئەھمەد كامالنى سوراق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ نەچچە ئونلىغان «كوممۇنىزم دۈشمەنلىرى»نى باش ئەگدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن گېرمانىيىلىك تېخنىك گېئورگې ۋاسېل بىلەن ھاننىكىنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى يازىدۇ.

ھاشىم ھاجىنىڭ قۇمۇلغا ئەۋەتىلىشىدە يولۋاستىن كېلىدىغان تەھدىتنى تۈگىتىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئۆز دەۋرىدە ما جۇڭيىڭ تەرەپتە تۇرغان، كېيىنچە قولىدىكى مىللىي ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانلىقىنى قولغا ئېلىۋالغان يولۋاس شېڭ شىسەيگە تولۇق بويسۇنماي قۇمۇلدا ئۆز ئالدىغا يەرلىك خاقان بولۇۋالغانىدى. بۇ ھال شېڭ شىسەينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، يولۋاسنى بىر ئامال قىلىپ يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنىدى. دەل شۇ پەيتتە ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشتە يولۋاستىن قېلىشمايدىغان ھاشىم ھاجى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە مەسئۇل خادىم بولۇپ قۇمۇلغا يېتىپ بارىدۇ. دېگەندەك ھاشىم ھاجىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن قۇمۇل ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ تەرەپ-تەرەپتىن تور قۇرۇپ يولۋاسنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتىشقا، ئەسكىرى كۈچىنى پارچىلاشقا ھەمدە قۇمۇل خەلقى ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ئەمما سەزگۈرلۈكى ھەددىدىن يۇقىرى بولغان يولۋاس ھاشىم ھاجىنىڭ سۈيىقەستلىرىنى بىر-بىردىن بىتچىت قىلىپ، ئۆز ئورنىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.

1937-يىلىغا كەلگەندە شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن يولۋاس قۇمۇلنى تاشلاپ ئىچكىرىگە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

قادىر ھاجىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتىلىشىدە ناھايىتى ئېنىقكى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆز-قۇلاق بولۇش ھەمدە ئۇنىڭ ئامما ئىچىدىكى يۇقىرى ئابرۇيىنى بىر ئاماللار بىلەن ئاجىزلىتىش مۇھىم نىشان قىلىنغان. مەلۇمكى، خوجانىياز ھاجى ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى قەشقەر گارنىزونىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ھەمدە ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-دېۋىزىيىسىنىڭ باش قوماندانى سۈپىتىدە قەشقەردە تۇرۇشقا قالغانىدى. ئەمما شېڭ شىسەي قولىدا ئۇزۇن يىللىق جەڭ قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە 3 مىڭدىن ئارتۇق خىللانغان ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مەھمۇت مۇھىتىدىن كېچە-كۈندۈز خاتىرجەمسىز ئىدى. شۇڭا ئۇ سوۋېت كونسۇلى ئافرېسېفنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياۋۇزلۇقتا ئۇچىغا چىققان قادىر ھاجىنى قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە باشلىق قىلىپ ئەۋەتىپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تەسىرىنى تازىلىماقچى بولىدۇ. قادىر ھاجىنىڭ قەشقەرگە يېتىپ بېرىشى بىلەن گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىغا ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان بېسىممۇ بىردىنلا كۈچىيىشكە باشلايدۇ. قادىر ھاجى سوۋېت تەرەپنىڭ يۆلىشى بىلەن قىرغىز پولكى تەشكىل قىلىۋالغان ئىسھاقبەگ ۋە مەۋلانوفلار بىلەن بىرلىشىپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى چەكلەشكە كىرىشىدۇ. 1937-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىغا كەلگەندە گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قادىر ھاجى ئۆز دەۋرىدە مەھمۇت مۇھىتى ھىمايە قىلىپ كەلگەن قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى نەچچە يۈزلىگەن زىيالىيلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەمدە ھەر ساھە سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. مەھمۇت مۇھىتى چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئابدۇنىياز كامالنى دېۋىزىيە قوماندانى قىلىپ سايلاپ شېڭ شىسەيگە قارشى جازا يۈرۈشى قوزغايدۇ. ئۇلار قەشقەر كونا شەھەرنى تېزلىكتە ئىشغال قىلىپ، قادىر ھاجى تۇتقۇن قىلغان تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، قادىر ھاجى قول ئاستىدىكى مەۋلانوپ قىسىملىرىغا بۇيرۇق بېرىپ قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدە قامىلىپ ياتقان 300 دىن ئارتۇق گۇناھسىز مەھبۇسنى پىلىموتقا تۇتۇپ قىرىپ تاشلايدۇ. ئاندىن كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆلۈكلەرگە بېنزىن سېپىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. قادىر ھاجىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئەنە ئاشۇ گۇناھسىز مەھبۇسلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئوت يۈرەك ئوغلان ھەم مەرىپەت مەشئەللىرىدىن مەمتىلى تەۋپىق بىلەن قۇتلۇق ھاجى شەۋقىيلەرمۇ بار ئىدى.