رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوكيانشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارال كۆلىنىڭ قۇرۇشتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئارال كۆلى ئەسلىدە ئارال دېڭىزى دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1960-يىللاردىن باشلاپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھالدا قۇرۇشقا باشلىغان.
30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قۇرۇش جەريانىدا ئارال دېڭىزى تارىيىپ، كىچىك كۆلگە ئايلىنىپ قالغان. سۇ يۈزى ۋە مىقدارى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن. ئارال كۆلىنىڭ قۇرۇشى مەسىلىسى دۇنيادا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.
ئارال كۆلىنىڭ قۇرۇشى نەتىجىسىدە ئەتراپتىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىۋاسىتە ئاپىتىگە ئارال كۆلى بويىدىكى تۈركىي خەلق قارا قالپاقلار بەكرەك ئۇچرىغان ئىدى.
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارال كۆلى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور زاۋىيالوۋ 18-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئارال كۆلىنىڭ قۇرۇشىنىڭ توختاپ، مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە. قازاقىستان خىتاينىڭ ئىلى دەرياسى سۈيىنى بوغۇشى بىلەن بالقاش كۆلىنىڭ قۇرۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئۆزبېكىستان بولسا، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىنىڭ باش ئېقىملىرىدا سۇ دامبىلىرىنى سېلىش پىلانى ئارقىلىق سۇنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا.
