يېقىندا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە تارقالغان، يېقىنقى 40 كۈن ئىچىدە ئاقسۇ شەھىرىدە 29 بالىنىڭ يىتىپ كېتىش ۋەقەسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
بۇ خەۋەر ئۆتكەن ھەپتە ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەلۇم بىر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كېيىن «ئۇيغۇربىز» تورىدىمۇ خىتاي تىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئابلىز ئابلا ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ 7-ئىيۇن كۈنى يىتىپ كەتكەن قىزى قەدىرىيەنى تېپىشىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ چىقارغان ئادەم ئىزدەش ئېلانىدا «40 كۈن ئىچىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كونا ئايرودروم ئەتراپىدىن 29 بالىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئاقسۇ شەھىرىدە يېقىنقى 40 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن 29 بالىنىڭ يىتىپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىدى. ئەمما ئۈندىدار، چ چ، سىننا قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە تور بېكەتلىرى، ۋە ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 17-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئابلىز ئابلا چىقارغان يىتىپ كەتكەن نارەسىدە قىز قەدىرىيەنى ئىزدەش ئېلانى ۋە بۇ قىزنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بالا يىتىپ كېتىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ۋە پۇقرالارنى بۇ خىل ئەھۋاللارغا جىددىي قاراشقا چاقىرغان.
