پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆزىتىش پروگراممىسىنى ئاقلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، 17-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆزىتىش پروگراممىسىنى ئاقلىدى.

باراك ئوباما سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر توپلاش جەريانىنىڭ ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە شەخسنىڭ مەخپىيەتلىكى مەسىلىسىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل ئېلىنىشىچە، ئوباما سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە مەخسۇس نازارەت قىلىش ھەيئىتى تەشكىللەشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇچۇر توپلاش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە خوڭكوڭدا تۇرۇۋاتقان سنودىننى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.