ئازەربەيجان پرېزىدەنتىنىڭ ئايالى پرېزىدېنت نامزىتى بولدى

ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىكى «دېموكراتىك ئەزەربەيجان تىنچلىقى» پارتىيىسى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيتىنىڭ پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېفنىڭ خانىمىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن.

ئەزەربەيجاننىڭ بىرىنچى خانىمى مېھرىبان ئەلىيېۋانىڭ پرېزېدېنت نامزاتلىقى 15 - ئىيۇن كۈنى ئوتكۇزىلىگەن مەزكۇر پارتىيىنىڭ يىغىنىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر پەقەت 21 - ئىيۇن كۈنى ئاشكارىلانغان.

رۇسىيىنىڭ « رېگنۇم» ئۇچۇر تورىنىڭ ئەزەربەيجان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، 2005 - يىلى، بۇ پارتىيە ئۆز رەھبىرى مېھرىبان ئەلىيېۋانى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق پىلاندىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

ئەمما 7 - ئىيۇن كۈنى ئەزەربەيجاندىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە «يېڭى ئەزەربەيجان» نىڭ قۇرۇلتىيىدا ھازىرقى پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېفمۇ 3 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

ھازىرقى مەسىلە، ئىككى پارتىيە ئايرىم ئايرىم ھالدا پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېف ۋە ئۇنىڭ ئايالى مېھرىبان ئەلىيېۋانى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەگەردە ئىلھام ئەلىيېف سايلامدا غەلىبە قىلالمىسا، ئايالى غەلىبە قىلىشى ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ 1 - ئايال پرېزىدېنتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مېھرىبان ئارىف قىزى ئەلىيېۋا، 1964 - يىلى تۇغۇلغان، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىس ئەزاسى، ئەزەربەيجاننىڭ ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى،تونۇلغان سىياسىي ئەرباب، ئۇ يەنە «ھەيدەر ئەلىيېف فوندى» نىڭ رەئىسى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەزەربەيجاندىكى ئەڭ كۈچلۈك جەمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.