ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە لىللا مەۋقەدە تۇرۇپ ئەسەر يېزىۋاتقان چەتئەللىكلەر ئارىسىدا گېرمانىيەلىك ئىنگرىد ۋىديارتو خانىم ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. يېقىندا ئۇنىڭ «ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىلىرى» ناملىق يېڭى كىتابى ئېنگلىز ۋە گېرمان تىللىرىدا گېرمانىيەدە نەشر قىلىندى.
مەزكۇر ئەسەردىكى ھېكايىلار ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى ئومۇمى ھاياتىنى ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلار شەكلىدە بايان قىلىدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىي كونتروللۇقىدا قايسى دەرىجىدە يەنچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
كىتابنىڭ باش قىسمىغا بېرىلگەن «مۇقەددىمە» دە ئاپتور 1949-يلىغا قەدەر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ «يىپەك يولى» دېگەن ئاتالغۇدىن خەۋەردار بولغان بىلەن ئۇيغۇرلار ياكى ئۇلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان ۋەتىنى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئاپتور بۇ ئەسىرىدىكى ھېكايىلار ئۈچۈن ئون نەچچە ئۇيغۇر پېرسۇناژنى تاللىغان. بولۇپمۇ غالىپ ۋە ھامۇت قاتارلىقلارنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ تاشقى دۇنياغا پۈتۈنلەي نامەلۇم بولغان بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ھېكايىلارنىڭ ۋەقەلىكى تولىمۇ جانلىق ۋە تەسىرلىك بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تېزلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدىكەن. مەزكۇر كىتاب نۆۋەتتە ھەرقايسى توربەتلەردە سېتىلماقتا ئىكەن.