جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 17 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

14-ئىيۇن باشلانغان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇ،خوتەن،قەشقەر ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، زور ساندىكى ئائىلىلەر ئاپەتكە ئۇچرىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە تەخمىنەن 17مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئىيۇن چۈشكىچە بولغان دەسلەپكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 12مىڭ 339 مو يەردىكى زىرائەت سۇ ئاستىدا قالغان؛ كەلكۈن سەۋەبىدىن كۆۋرۈكلەر بۇزۇلۇپ، ئاساسلىق قاتناش يوللىرى ئۈزۈلۈپ قالغان؛ پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، مال-ۋارانلىرىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن.

ھازىرچە قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم ئەمەس.