سابىق ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-08-26
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2008-يىلى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان سابىق ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ بىر نەچچە يىل ئاۋۋال قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

رادىئومىز 25-ئاۋغۇست ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بەرگەن باياناتنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز بىزگە ئۇچۇر يوللاپ مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ھازىر «ئەركىن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇر يوللىغۇچى، مەھبۇبە ئابلەشنىڭ تۈرمىدە 3 يىل ياتقاندىن كېيىن 2011-يىلى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ مەھبۇبە ئابلەش بىلەن بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەرھال دەلىللەشكە تىرىشتۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەھبۇبە ئابلەش ئۆزىنىڭ مەھبۇبە ئابلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلدى.

مەھبۇبە ئابلەش ئەسلى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى. ئۇنىڭ 2008-يىلى خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل» سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتى ئەينى چاغدا مەھبۇبە ئابلەشنىڭ «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي شۇندىن كېيىن مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما ۋە تولۇقلىما مەلۇمات بەرمىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تۈنۈگۈنى باياناتىدا خىتاينى مەھبۇبە ئابلەش قاتارلىق تۈرمىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ژۇرنالىست ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت