نيۇيورك سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى قاتناشتى


20 - مارت كۈنى نيۇيورك شەھىرىدىكى ۋاتېر مىلل سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت پائالىيىتىدە، مەزكۇر مەركەزنىڭ تەكلىپى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىدىن تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشا چولپىنى پەرھات خالىق، ئۇسۇل مۇتەخەسىسى مۇقەددەس مىجىت قاتارلىقلار ئۆزلىرى ئورۇنلىغان نادىر نومۇرلىرى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

مەزكۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى ئامېرىكىلىق فوتوگراف لىزا روسسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لىزا روسس ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا بېغىشلانغان فوتو رەسىم كۆرگەزمىلىرى بىلەن تونۇلغان سەنئەتكار.

لىزا روسسنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فەيسبوكقا يوللىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە قېتىق سەنئەت ئۆمىكى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە گىتار ئارقىلىق ئورۇنلىغان تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان، نورۋىگىيە پادىشاھلىق سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ناخشىچى پەرھات خالىق ۋە ئۇسۇلچى مۇقەددەس مىجىت ئورۇنلىغان نومۇرلار پائالىيەتكە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پەرھات خالىق ۋە مۇقەددەس مىجىتلار يەنە ئامېرىكىنىڭ سىياتول شەھىرىدە 29 - مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيىتىگىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار نيۇيورك ۋاتېر مىلل سەنئەت مەركىزى ۋە سىياتول شەھىرىدىكى ئاسىيا سەنئەت مۇزىيىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن.