20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ئاتاقلىق شائىر ئۆمەر مۇھەممىدى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسى، زىيالىيلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر مەكتەپلىرى شائىرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزمەكتە.
ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى سەھىپىلىرىدە بىر يۈرۈش ئۆمەر مۇھەممىدىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇكېرىم تۇردىياروۋنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆمەر مۇھەممىدى خىزمەت قىلغان ۋە ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپ دەپنە قىلىنغان ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا ياركەنت شەھىرىدە ئۆمەر مۇھەممىدى نامىدا كوچا ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەللىرى بار بولۇپ، شائىر ۋاپاتىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى 2016 - يىلى كىرىشى بىلەن تۈرلۈك شەكىلدە ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەتتا ساخاۋەتلىك ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ماددى ياردەملىرى بىلەن شائىرنىڭ كونا قەبرىستانلىقتىكى جەسەت قالدۇقلىرى ياركەنت شەھىرىدىكى يېڭى قەبرىستانلىققا يۆتكەپ كېلىنىپ، قەبرىگە يادىكارلىق ئورنىتىلغان.
مەتبۇئات سەھىپىسىدە يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - 80 - يىللىرىدا ئىجادىيەت مېۋىلىرى بىلەن كەڭ تونۇلغان ئاتاقلىق ئەدىبلەردىن زىيا سەمەدى، مۇرات ھەمرايېف، ھىزمەت ئابدۇللىن، جامال بوساقوپ، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف ۋە باشقىلارنىڭ ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە بەرگەن يۇقىرى باھالىرى ئورۇن ئالغان.
مەلۇمكى، شائىر ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ نامى 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى 50 - 80 - يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ھالقىپ، ئۇيغۇر دىيارى ئەدەبىيات مۇخلىسلىرىغىمۇ تونۇلغان. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە پروزىچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كىتابىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەر مۇھەمەدى 1906 - يىلى ئالمۇتا شەھىرى يېنىدىكى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1920 - يىللاردا تاشكەنتتە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1927 - 1931 - يىللىرى ئارىسىدا ئالماتا ۋە ياركەنت شەھىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە پېداگوگىكا تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ، 1931 - يىلى، 14 - مارت كۈنى 25 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئۆمەر مۇھەممەدى «شېئىرلار»، «باتۇر يىللار»، ۋە «تاللانما ئەسەرلەر» قاتارلىق توپلاملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، رۇس، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقا تىللاردا چىققان ئىدى.