قازاقىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئالماتا شەھىرى ئەتراپىدا 15 ئادەمنى قولغا ئالدى


قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، 13-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ئوبلاستىدا مەخسۇس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 15 گۇمانلىق كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ 11-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ«تېررورلۇق تەشۋىقاتى قىلىش، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەييارلاش ۋە قاتنىشىشقا ئۇرۇنۇش» شۇنىڭدەك يەنە «دىنى دۈشمەنلىك پەيدا قىلغانلىقى ۋە قانۇنسىز قورال ساقلىغانلىقى» قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر يەنە بۇ ئادەملەردىن قورال ۋە دىنى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بىراق، خەۋەردە مەزكۇر تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە قانداق بىرەر گۇرۇپپىغا مەنسۇپلۇقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.

كۆپىنچە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان قازاقىستان ئاھالىسى ئارىسىدا ئىسلام دىنىي ئېتىقادى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىشكە باشلىغان. ئەمما، سابىق سوۋېت دەۋرىدە بۇ دۆلەتتە قاتتىق ئاتېئىزم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىپ، مۇسۇلمان ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نورمال ئېتىقادىدىن ئاساسەن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.