19-ماي، قازاقىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىدا ئىككى يۈك پويىزى سوقۇشۇپ كېتىپ، خەلقئارا پويىز قاتنىشىغا تەسىر قىلغان. ۋەقە چېگرا ئېغىزىنىڭ قازاقىستان چېگرا ياقىسىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پويىز يولى توسۇلۇپ قالغاچقا چېگرانىڭ بورتالا ياقىسىدىكى 5 خەلقئارا يۈك پويىزى توختاپ قالغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈرۈمچى-پولشا لىنىيەسىدە قاتنايدىغان يۈك پويىزىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى پويىز سوقۇلۇپ، پويىز ۋاگونلىرىغا ئوت كەتكەن. ئەمما ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
خەۋەردە، بۇ توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ بىر قىسىم قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى قازاقىستان تەرەپكە ياردەمگە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ۋەقەدە پويىز ۋاگونلىرىغا بېسىلغان نۇرغۇن مىقداردا پولات ۋە مىنېرال ماتېرىياللار چېچىلىپ كەتكەن.
ئالاتاۋ ئېغىزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى. ئۇ خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا ئېچىلغان ئەڭ مۇھىم تۆمۈر يول بېكىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە، تاش يول ۋە نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى.