«قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنىڭ يىغىۋېلىنىشى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقان جاينامازلارنى ۋە دىنىي كىتابلارنى، جۈملىدىن «قۇرئان كەرىم»نى مەجبۇرىي يىغىۋېلىش بۇيرۇقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر رادىيومىزدا بېرىلگەندىن كېيىن خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر دۇنيادىكى چوڭ تىللاردا نەشر قىلىنىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك يەر ئالغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ دىنىي مەسىلىلەرنى قانداق «ھەل قىلىۋاتقانلىقى» نى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلدى.

«نيويورك پوچتىسى»، «ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى»، «مۇستەقىللىق گېزىتى» قاتارلىق دۇنياۋى گېزىتلەر بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ساقلىنىۋاتقان دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلار ۋە جاينامازلارنى يىغىۋالغانلىقىغا بولغان ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىزچىل تۈردە بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. 2-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جاۋ لىجيەن «كۈندىلىك پاكىستان خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە سوئال سورىغاندا «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايغا قارشى تۇرىدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۆلگۈنچى تەشكىلات. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ خەۋەرلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز پىتنە-پاسات» دەپ جاۋاب بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت