ئۇيغۇر پروفېسسور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەتقىقات تۈرى ناسانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئامېرىكىنىڭ يۇتا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ۋە ئېلىكتېر ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ ياش ئۇيغۇر پروفېسسورى رەيھان بەكتۇر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتناش ئىدارىسى (ناسا) نىڭ يىللىق كىچىك ئانتېننا تېخنىكا ھەمكارلىقى تۈرى بويىچە تارقىتىلىدىغان مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ناسانىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتىغا ئامېرىكا بويىچە 100 دىن ئارتۇق ئالىم ئىلتىماس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 8 نەپەر كىشىلا بۇ يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. رەيھان بەكتۇر ئەنە شۇ 8 كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.

دوكتور رەيھان بەكتۇر ناسانىڭ «گوددارد ئالەم ئۇچۇش مەركىزى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەر شارىغا يېقىن ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئالەم ئۇچقۇلىرىغا ئىشلىتىدىغان يېڭى تىپتىكى ئانتېننا ياساپ چىقىدىكەن. بۇ يېڭى تەتقىقات ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە تەننەرخى تۆۋەن بولغان ئالەم تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننانى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.

پروفېسسور رەيھان بەكتۇر بۇلتۇر ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەۋلادلار ئارا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئامېرىكىدا چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئۆزىنىڭ تەجرىبە ساھەسىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇلارنى بۇ ساھەلەرگە يۆنىلىشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.