ئۇيغۇر ئېلىدە «ساقال قويماي، ياغلىق چىگمەي» مەدەنىيەتلىك شەھەر ئاھالىسى بولۇش تەشۋىق قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.04.04

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت، شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك شەھەر قۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى چەكلەش خاراكتېرىنى ئالغان مەدەنىيەتلىك شەھەر قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى-ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيۈش، مۇقىملىقنى سۆيۈش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ياش ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا قارشى تۇرۇش، ياش قىزلارنىڭ چۈمبەل ئارتىشى، ھىجاپ كىيىشىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭ مەدەنىيەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت نۆۋەتتە قەشقەر شەھىرى مىقياسىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، مەكتەپلەردىن ئىدارە-ئورگان، ناھىيە، يېزا ھەممە يەرگىچە تەشۋىق قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى يوسۇنىدا كىيىنگەن ئاياللار، ساقال قويغان كىشىلەرنى زەربە نىشانى قىلدى. ھازىر چۈمبەل ئارتقان، ساقال قويغانلارنى مەكتەپكە، ئاپتوبۇسقا، كۇتۇپخانىغا كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشلارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

بۈگۈن يەنە، ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن نۇرغۇن قىزلار بېشىدىكى ياغلىقى سەۋەبىدىن خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان. قەشقەردىكى بىز قىز ئۆزىنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بېشىدىكى ياغلىقى سەۋەبىدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.