تۈركىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ خىزمەت بىناسى تۆتكە كۆپەيدى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» يېقىندا ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي دېگەن جايىدىن يەنە بىر بىنا سېتىۋېلىپ خىزمەت بىناسىنى تۆتكە كۆپەيتكەن.

ئىلگىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ چاپا ۋە زەيتۇنبۇرنۇ دېگەن جايلىرىدا ئىككى، سېفاكۆي دېگەن جايىدا بىر بىناسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىستانبۇلدىكى مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئايلىق ۋە ھەپتىلىك دىنىي سۆھبەتلىرى ۋە تەشكىلات مەشغۇلاتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە« ئىستىقلال» تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ سەفاكۆيدىن سېتىۋالغان ئىككىنچى خىزمەت بىناسى تۆت قەۋەت بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا نۆۋەتتە ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان ۋە ئانا تىل كۇرسى، ئاياللار ئۈچۈن تۈرك تىلى كۇرسى داۋام قىلماقتا. خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىنالار تۈركىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ خەير-ساخاۋىتىگە تايىنىپ سېتىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مائارىپ ۋە تەشكىلىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىدىكەن.