تايلاند ساقچى دائىرىلىرى باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ تايلاندقا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرگەنلىكىنى ئېيتقان

تايلاند دائىرىلىرى بۈگۈن باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ ئېلان قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن بىرى بولغان «ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار» ئىسىملىك كىشىنىڭ خىتاي پاسپورتى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ۋەقەدىن بىر كۈن بۇرۇن تايلاندتىن ئايرىلىپ، بېنگال ئارقىلىق خىتايغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

تايلاند ساقچى دائىرىلىرى يەنە قولغا ئېلىنغان ئىككى كىشىدىن بىرى بولغان «ئادەم كاراداگ» نىڭ تايلاندقا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تايلاند دائىرىلىرى ئادەم كاراداگ ئىسىملىك بۇ گۇماندارنىڭ ئالدى بىلەن ۋىيېتنام ئارقىلىق تايلاندقا قوشنا بولغان مەلۇم دۆلەتكە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئاندىن چېگرادا 600 دوللار پارا بېرىش ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا تايلاندقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىراق ئۇلار بۇ قوشنا دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.

تايلاند دائىرىلىرى ئادەم كاراداگ ئىسىملىك بۇ گۇماندارنىڭ قولىدا تۈرك پاسپورتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان تۇنجى كىشى ئىدى. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ يەنە بىرى، يۈسۈف مىرئەلى. تايلاند دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى يۈسۈف مىرئەلىنىڭ خىتاي پاسپورتى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭدا كەلگەن يېرىنىڭ «شىنجاڭ» دەپ يېزىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى بۇ ئىككى كىشىنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن پاسپورت كوپىيىلىىرىنى تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈنكى باياناتىدا، تايلاند دائىرىلىرى بىلەن بۇ دېلو ئۈستىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تايلاندتىكى بۇ دېلو ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردا گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرمەكتە.