خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتتى

خىتاي دائىرىلىرى 22‏-ئاپرېل ئۈرۈمچى شىمالىي باغچە يولىدا يۈز بەرگەن «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان. سودا ساراي، قاتناش بېكىتى، كىنوخانا، مەسچىت، باغچە قاتارلىق ئادەم كۆپ توپلىنىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئامانلىق كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سومكا ۋە باشقا يۈك تاقىلارنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان. ئۈرۈمچىدىكى ھەر قانداق مەكتەپكە 100 ئىچىدە ئاپتوموبىل توختىتىش چەكلەنگەن.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان باشقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش، تەقىب قىلىش ۋە ئېنىقلاش بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيگەن. پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغان يارىدارلارنىڭ بىر قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزىلتاغ خىتاي ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا ئامانلىق كۈچەيتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانلىق تەدبىرلىرىدىن قارىغاندا دائىرىلەر ھۇجۇمنىڭ داۋامى كېلىشىدىن ۋە شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏- ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئوخشاش، مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خىتاي ئاھالىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەرتىپنى ساقلاشقا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈشكە چاقىرغان.

شەھەرلىك پارتكوم بۇ چاقىرىقنى بەزى خىتايلار نامايىش قىلىشنى چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن چىقارغان.

لېكىن، خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولمىدى، دەپ نامايىش قىلىشنى تەرغىب قىلغانلىقى ياكى ئامانلىق تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىشنى تەرغىب قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.