«شىنجاڭ ھەربىي رايونى» غا قاراشلىق ئۈرۈمچىدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى گۇمان قوزغىغان.
دائىرىلەر راخمانجان ئىسىملىك بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا «ئىنقىلابى قۇربان» دەپ نام بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئائىلىسىنى گۇمانغا سالغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى راخمانجان ئۈرۈمچىدىكى «ئوفىتسېرلار تەربىيىلەش مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 10 -ئايدا ئۇنىڭ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىراق ئۇنىڭ ئۆلۈمى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئىشلەيدىغان ئايالىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.
ئايالى ئۇنىڭ ئۆلۈۋالغان شۇ كۈنى ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق نورمالسىزلىق سەزمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا جەسەتنى كۆرسەتمىگەنلىكى، ئۇنى قوراللىق ساقچى قىسىم دوختۇرخانىسىغا چاقىرتىپ ئاپىرىپ، يولدىشىنىڭ ئۆلگەنلىك گۇۋاھنامىسىگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلىشى ئايالىنى ئىلگىرىلەپ گۇمانغا سالغان.
ئېلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، راخمانجاننىڭ دادىسى غۇلجا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شاڭخەيدىن ئادۋوكات تۇتۇپ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ھەربىي رايون رەھبەرلىرى ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۇزۇن سۆزلىشىپ بۇ نىيىتىدىن ياندۇرغان.
دادىسى ھەربىيلەر بىلەن نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى ۋە نېمىشقا نىيىتىدىن يانغانلىقىنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان.
ئېلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، راخمانجان ئىلگىرى باشقىلارغا ھەربىي رايوننىڭ بىر مەخپىي ئورنىدا سولاقلىق ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تەجرىبە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
