قاراقاشنىڭ ماڭلاي يېزىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياغلىق چىگىشىنى مەنئى قىلغان

خوتەن قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىلىق پارتكومى 17‏- سېنتەبىر كۈنى ماڭلاي ئوتتۇرا مەكتىپىگە يىغىن ئېچىپ، 18 ‏-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياغلىق چىگىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مەزكۇر قارار ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي ئېتىقادنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىمۋوللۇق نەرسىلەرنى چەكلەش يولىدىكى يەنە بىر يېڭى قارارى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقال، چۈمبەل، پەرەنجە قاتارلىق قىياپەتلەرنى چەكلىشىنى تەنقىدلەپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشى تېخىمۇ زور قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بىراق قاراقاشنىڭ ماڭلاي يېزىسى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى نەزەرگە ئالمىغان. «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېزىلىق پارتكوم 17‏- سېنتەبىر ئاچقان يىغىنىدا يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئايال ئوقۇتقۇچىلار ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كەلسە قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە خىزمىتىدىن توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماڭلاي يېزىسى ۋە ئۇ قاراشلىق قاراقاش ناھىيىسى ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان، ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك جايلارنىڭ بىرى. « ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەزكۇر ناھىيىدىكى 531 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ 97% تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان.