ئاقسۇ كەلپىندە 2 ئۇيغۇر دىنىي زاتنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى يورچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاكا-ئۇكا دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. گېرمانىيەنى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ئىككى دىنىي زات 80 ياشلاردىكى ئابدۇسەمەت سالىھ بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇۋاھاپ سالىھ ئىكەن.

خەۋەردە، ئۇلارنىڭ رۇخسەتنامىسى بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنى يەنىلا دىنىي تەلىم بېرىش، تەبلىغ قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغان. مەھكىمە ئابدۇسەمەت سالىھنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

مەزكۇر خەۋەر كەلپىن يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەلپىن ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا ۋىلايەت، ناھىيەلىرىدە ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن دىنىي سورۇن ۋە ناماز ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىت ۋە ئورۇندا ناماز ئوقۇغان، تەبلىغ قىلغان ياكى دىنىي تەلىم بەرگەن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئەھۋالى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى ھەرقانداق دىنىي ئىبادەت ۋە پائالىيەتنى، ھىجاب ۋە ساقالغا ئوخشاش دىنىي سىمۋوللارنى «قانۇنسىز» ھەم «ئەسەبىيلىك» دەپ باستۇرۇپ كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا، بەزىدە رادىكال ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ رېئاللىقنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خەۋىرىدە، ئابدۇسەمەت سالىھنىڭ 20 يىل كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇۋاھاپ سالىھنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.