ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلىرىنىڭ خىتاي نىشانلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمى تاكتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغان. ئانالىزچىلار، ئۈرۈمچى شىمالىي باغچە يولى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» بۇ خىل تاكتىكىلىق ئۆستۈرۈشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 22-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە شىددەتلىك دەرىجىسى خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، زور دىققەت قوزغىغان.
ئاۋسترالىيە گرىفىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكېل كلارك «شىنجاڭدا ئىلگىرى ھۇجۇمچىلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە ساقچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلگەن» دەپ كۆرسىتىپ، لېكىن ھازىر، ھۇجۇمنىڭ قارا-قويۇق ھۇجۇم قىلىشتەك ئەنئەنىۋى ھۇجۇم ئۇسۇلىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كىندىكىدە يۈز بەرگەن بۇ زور كۆلەملىك ھۇجۇم، بۇرۇنقى ۋەقەلەرگە قارىغاندا تاكامۇللىشىش جەھەتتىن پەرقلىق نۇقتىغا بارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مايكېل كلارك يەنە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلىرىنىڭ باشقا رايونلاردىكى ئىسلامى گۇرۇھلارنىڭ تاكتىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش يوشۇرۇن ئېھتىمالى تېخىمۇ زور، دەپ كۆرسىتىپ، بىراق چوڭقۇرلاپ كىرگەندە مەسىلە كەڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەندىشىلىرىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل پىكىر-ئېقىملار باستۇرۇلسا، ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلىمىنى ئىپادىلەشكە قانۇنلۇق يول قالمايدۇ.
بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بۇ نۇقتىدىن كېلىشتىن بۇرۇن، ئىجابىي تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى قۇلاق سالمىغان.
