خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن تارقىتىدىغان ئامانلىق تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 12-ئاپرېل ئاقسۇ شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق خىتاي كلاسسىك شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشى، 4-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 100 كىشىلىك خىتاي يەلپۈگۈچ ئۇسۇلىنى ئوينىشى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» تېمىلىق مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شۇنداقلا تۇنجى قەدىمى باشلانغان.
ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ھەرىكەت، يۇقىرىنىڭ مۇھىم سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ چىقارغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات تەربىيە ھەرىكىتى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەت مىقياسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى ئىككىنچى دەرسخانا مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
دائىرىلەر پائالىيەتكە قاتناشقان ئاقسۇ ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يادلاشقا تېگىشلىك 75 كلاسسىك خىتاي شېئىرلىرى»، خىتايچە خۇشخەت يېزىش مەشىقى كىتابلىرىنى تارقىتىپ بەرگەن.
خەۋەردە ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەلقۇت ئەنۋەرنىڭ خىتاي كلاسسىك شېئىرلىرىنى ۋە خۇشخەت يېزىشنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى، ئاتا، ئانىسىنىڭ تەسىرىدە خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا، دائىرىلەر پۈتۈن رايوندىكى مەكتەپلەردە «ھەر بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ بىر خىتاي دوستى بولۇش، ھەر بىر خىتاي بالىنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللەت دوستى بولۇش» دېگەندەك تۈزۈملەر بىلەن بالىلارنى سۈنئىي دوستلۇق ئورنىتىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ئىسلاھاتىدا نۆۋەتتە بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بولغان، شۇنداقلا قوشۇمچە دەرس سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىمۇ چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىك نەمۇنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى كىرگۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوش تىل مائارىپىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىلدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي مائارىپىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تىلى بىلەن تەڭ، خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش قەدىمىنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ۋە زىيالىيلارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
دائىرىلەر يېقىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا يەسلى مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشقا زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتقاندىن سىرت، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى 2 يىللىق قوش تىل دەپ ئاتالغان خىتاي تىللىق يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى 3 يىلغا ئۇزارتقان ئىدى.