26-ئىيۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى ئوچۇق ئاشكارا تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا يەنە خىتايدىن، ئۇيغۇرلارنى ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قوغداشتىن سىرت يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قوغداشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ باياناتى ئۇيغۇر خەلقىنى خۇشال قىلدى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىقلار ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئۈرۈمچىدە بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىغا قاتناشقان ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ باياناتىغا رەددىيە بەردى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ دىنى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بۇ ۋەقەلەرگە چېتىلغان ئۇيغۇر ياشلارنى مۇسۇلمان دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى، دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە دىنىي ئەربابلاردىن ئابدۇلەزىز ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابدۇرەقىپ تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ مەيدانىنى تەنقىد قىلدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.