قاراقاشتا پەرزەنتىنى يەر ئاستى مەكتەپكە بەرگەن 60 ياشلىق ئايال قاتارلىق 25 كىشى سوتلانغان

0:00 / 0:00

خىتاي مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي بازىرىدا 15 مىڭ كىشىلىك ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىپ، نەۋرىسىنى ۋە بالىلىرىنى يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇشقا بەرگەن ئاتا-ئانىلار، ئىلىم بەرگەن مۇدەررىسلەر، دىنىي ئوقۇتۇشقا ئۆيىنى بەرگەنلەر ۋە ئوقۇغانلار بولۇپ، جەمئىي 25 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەھكۇملارنىڭ يېشى 17 ياش بىلەن 60 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇلاردىن 6 نەپىرى ئايال. مەھكۇملارنىڭ ھەممىسى يەنى ئىككى نەۋرىسىنى دىنىي ئوقۇتۇشقا بەرگەن 60 ياشلىق ئايالمۇ سوت مەيدانىغا كويزا ۋە كىشەنلەنگەن ھالەتتە يالاپ ئېلىپ چىقىلغان. ھۆكۈمدە بۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاشكارا تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

سوتنى ئورۇنلاشتۇرغان قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سوتقا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلغان 15 مىڭ كىشىلىك ئاممىغا، مەھكۇملارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.