ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2016-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 15-ئاۋغۇست كۈنى «2016-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى، جۈملىدىن خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى تەپسىلىي باھالىنىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلمەكتە» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد قانۇن لايىھەسى» نى ئېلان قىلغان 19 يىلدىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل باھالاپ، بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدىكى يادرولۇق ئامىللارنىڭ بىرى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان 2016-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئەنە شۇ ساھەدىكى بىر زور نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 15-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ دىنىي ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى ئامىلىنى ياخشى قوغدىيالىغان مەملىكەتلەرنىڭ ھەرقاچان مۇقىملىق ۋە ئاسايىشلىقتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ يىلقى دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى باستۇرۇش ۋە زۇلۇملار ھەققىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن تەپسىلىي نەقىللەر كەلتۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش»نى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالغانلىقى، مۇشۇ مەقسەتتە 2016-يىلى 1-يانۋاردا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نى ئېلان قىلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تېررورلۇقنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسى، دەپ قاراشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقى، نەتىجىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ياكى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا يەكۈن خاراكتېرلىك قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بارلىقىنى جاكارلاپ قويۇپ، پەقەت «نورمال» دىنىي پائالىيەتلەرنىلا «قوغداش» بىلەن چەكلىنىپ كەلگەنلىكى، ئەمما بۇ «نورمال»لىقنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە ھېچقاچان بىر تەبىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى، پەقەت «ۋەتەنپەرۋەر» دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ قاچانىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن تەھدىت ھېس قىلغان ۋاقىتتا دەرھاللا پۈتۈن كۈچى بىلەن چەكلەپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تىنا مافۇرد (Tina L. Mufford) بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ھازىرقىدەك دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كەمسىتىلىۋاتقان ۋە ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ئالدى بىلەن، نېمە ئۈچۈن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى ھەمدە دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دەسلەپ بولۇپ تەسىس قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى، دۆلەت مەجلىسى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ سىياسەت بەلگىلەش ئىشلىرىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ھەمدە قەرەللىك دوكلات تەييارلاشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، ھازىرقى مەۋجۇتلۇق ھەمدە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئاجايىپ تېز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ ۋە تېگىشلىك مۇئامىلىدە بولۇشى، شۇنىڭدەك بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ قارار بەلگىلەش دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇن ئېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن بەكمۇ ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە. شۇڭا بۇ دوكلات، بۇ ئىشلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش يۈزىسىدىن يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىيىم-كېچەكلىرىنى چەكلەش، ئاياللارنى ياغلىقتىن، ئەرلەرنى ساقال-بۇرۇتتىن چەكلەش، 18 ياشقا تولمىغان بالىلارغا ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي تەربىيە بېرىشنى مەنئى قىلىش، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېغىر بىر ياقلىق قىلىش ھادىسىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ 18 ياشقا تولمىغان پەرزەنتلىرىنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلغان بىر دىنغا مەنسۇپ دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن تەربىيىلىشى، بالىلارنىڭ تېگىشلىك دىنىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشى ھەرقانداق جايدا بىر نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇنىڭ «جىنايەت»كە ئايلىنىپ قالغانلىقى، بۇنداق بالىلار بايقالغان ھامان «مەخسۇس تەربىيەلەش مەكتىپى» گە ئەۋەتىلگەنلىكى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىنىي تەربىيە ئېلىشتىن ئايرىپ تاشلانغان بالىلارغا خىتاي دائىرىلىرى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» نى كۈچەيتكەن. بۇنىڭدا نۇقتىلىق قىلىپ دىنىي ئېتىقادنى سەلبىيلەشتۈرۈش، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەڭ مۇھىمى خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشنى دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش تەكىتلەنگەن.

تىنا ماففورد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ياكى خۇسۇسىي ئېتىقاد يالغۇز بىراۋنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىبادەت قىلىش-قىلالماسلىقى ياكى ئۆز ئېتىقادىغا ئىگە بولۇش-بولالماسلىقىدىلا ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە بىراۋنىڭ ئېتىقادقا ئىگە بولۇشى ياكى بولماسلىقى، شۇنىڭدەك ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت شەخسلەرنىڭ ئېتىقادقا ئېگە بولۇش ياكى بولماسلىقى، قايسى ئېتىقادتىن قايسى ئېتىقادقا ئالمىشىشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشى لازىم. ئەمدى دۇنيادىكى دۆلەتلەر، جۈملىدىن خىتاي ھاكىمىيىتى مۇئەييەن قانۇن ياكى سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ شەخسلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ياكى دىنىي ئېتىقادتا بولۇش، خالىغان ئېتىقادقا ئەگىشىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىكەن، ئۇ ھالدا شەخسلەر ھېچقاچان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولمىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى قىسقارتساق، ئاساسىي قانۇندا بىرنەچچە ماددىلارنى بەلگىلەپ قويۇشنىڭ ئۆزى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى دادىللىق بىلەن بۇ دۇنياغا ئورتاق بولغان ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشى ھەمدە تولۇق ھىمايە قىلىشى لازىم.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن دىنىي دەستۇرلارنى، جۈملىدىن قۇرئان كىتابلىرىنى تەكشۈرۈش، مەسچىتلەرنى چېقىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق 2016-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بەش مىڭ مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، بۇ خىل «مەسچىت چېقىش»نىڭ مەقسىتى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، دەپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكى، بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىكى 70% كە يېقىن مەسچىتنىڭ مۇشۇ دولقۇندا چېقىپ تاشلانغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان. تىنا ماففورد بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي ئېتىقادنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ساۋاتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:«خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، خىتاي باشقا نۇرغۇن مەملىكەتلەرگە ئوخشاش دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ياكى ئېتىقادنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە تولىمۇ يۈزەكى قاراشتا بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايغا ئوخشاش ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ياكى شەخسى ئېتىقادىنى قوغداشقا بېغىشلانغان قانۇن ماددىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىغا كىرگۈزۈۋالغان. ھالبۇكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ قانۇن ماددىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ. ئەمما بىزگە مەلۇمكى، ھەقىقىي مەنىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ياكى خۇسۇسىي ئېتىقاد ئاساسىي قانۇندىكى ماددىلاردىن كۆرە شەخسلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ھەقىقىي يوسۇندا ئىگە بولالىشىدا بەكرەك ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ.»

مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن يەنە بىر مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج ئىشلىرىدىكى مۈشكۈلاتلىرى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «مۇسۇلمانلار تور بېتى ئارقىلىق ياكى شۇ جايدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق ھەج قىلىشقا تىزىملىتىپ قويسا بولىدۇ» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ھەج قىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېلىمۇ مۈشكۈل مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە تۈپەيلىدىن، پەقەت ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەج ئۆمەكلىرى ئارقىلىق ھەج قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر ھەج يولى بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا يوللار ئارقىلىق ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ئايرودروملاردا تۇتقۇن قىلىنىش ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش بىلەن نەتىجىلەنگەن. ئەمما بۇ ھال، خىتايدىكى يەنە بىر مۇسۇلمان مىللەت بولغان تۇڭگانلار ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. تىنا ماففورد بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، دۆلەت ھاكىمىيىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بۇ يوسۇندا پەرقلىق ئىجرا قىلىنىشى، ئاخىرىدا مىللىي كەمسىتىشكە ئايلىنىپ كېتىشى ھەمدە بۇنىڭ جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى رايونلارغا قارىتا يولغا قويىدىغان تاشقى سىياسەت مەزمۇنلىرىنى بېكىتىشىدە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.