گاز قاچىلاش پونكىتلىرىدىكى «چەكلەش ۋە چەكتىن ئاشقانلار»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.06.12
ropash-mulazimet-yoq-romal.JPG ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىگە ئېسىلغان روپاشلارغا مۇلازىمەت قىلىش چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇشى.
RFA

يېقىندىن بۇيان ئىخلاسمەنلىرىمىزدىن كېلىۋاتقان نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي تۈستە كىيىنگەن يەنى روپاش ئاياللارغا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەر، كەمسىتىشلەر ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ھەق-ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئاپتوموبىلغا گاز ۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا«روپاش ئاياللارنى سېلىپ كەلگەن ئاپتوموبىللارغا گاز قاچىلاپ بېرىلمەيدۇ،روپاش ئاياللارنىڭ گاز پونكىتىمىزغا كىرىشى مەنىي قىلىنىدۇ...» دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇشلار چاپلاپ قويۇلغان. بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، گاز پونكىتلىرىدا روپاش ئاياللار چەكلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئەخلاقىغا ياد قىلمىشلارنىڭ كۆزگە چېلىقىشى گەۋدىلىك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتلىرىغا روپاش ئاياللارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چاپلانغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسقا ئاساسەن، بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئاپتوموبىلغا گاز ۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا تېلېفون قىلىپ كۆردۇق، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئېچىلغان گاز پونكىتىنىڭ خادىمى، بۇ پونكىتقا ئۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش چاپلانمىغانلىقى ئەمما «قالايمىقان دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بارلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال بولسا ھازىر قەشقەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە، ھەتتا دوختۇرخانىلاردىمۇ شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بارلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ياغلىق ئاتىدىغانلىقى، يېقىندىن بۇيان ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش ئورۇنلىرىنىڭمۇ شۇنداق چەكلىمىلەر ئارقىلىق روپاش ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تېخى ئالغىلى ئىككى يىل بولمىغان ئاپتوموبىلىنىمۇ سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى :

بىز يەنە ئۈرۈمچىدىكى گاز پونكىتلىرىدىن مەخسۇس روپاش ئاياللارغا قارىتا چەكلىمە بارلىقىنى سوراپ كۆردۇق، ئۈرۈمچىدىكى جۇڭگو تەبىئىي گاز باش شىركىتى گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ بىر خىتاي خادىمى بۇنداق بىر چەكلىمىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى يەنە بىر گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ بىر ئۇيغۇر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە روپاش ئاياللارغا قارىتا ئۇنداق ئاشكارا چەكلىمىلەر يوقلۇقىنى، ئەكسىچە گاز پونكىتلىرىغا يېرىم كېچىلەردە ئېسىل ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ تۈرلۈك يوسۇنلاردا يېرىم يالىڭاچ كىيگەن نازىنىنلارنىڭ ۋە بەزىلىرىنىڭ مەست ھالدا بىرلىرىگە ھەمراھ بولۇپ يۈرۈشلىرىنىڭ بەكرەك كۆزگە چېنىقىۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز ئابرۇيى ۋە شەھەر مەدەنىيەت مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق يەردە چەكلەنمەي ئەركىن يۈرۈشىنى قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى جەمئىيىتىدە بۇ خىل سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ يېقىنقى بىر ئىككى يىلدا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.