كورلا يەرلىك دائىرىلىرى: «‹قۇرئان كەرىم› ۋە جاينامازلارنى تەلتۆكۈس دېگۈدەك يىغىپ بولدۇق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-09-26
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم بىر ئاھالىلەر رايونى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۆزىنى ئاشكارىلاش يىغىنى ھەققىدىكى ئاۋازلىق ئۇقتۇرۇش تارقالدى. ئۇقتۇرۇشتا ئاھالىلەر دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان ئۆزىنى ئاشكارىلاش يىغىنىغا قاتنىشىشقا ۋە قوللىرىدىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى دەرھال تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلغان.

مۇخبىرىمىز ئۇقتۇرۇشتىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن كورلا شەھىرىگە تەۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدى. يەرلىك دائىرىلەر ئۆز تەۋەلىكلىرىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنىڭ تەلتۆكۈس دېگۈدەك يىغىلىپ بولغانلىقى، بۇنىڭ 4-5 ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاش يىغىنلىرىدا پەقەت ئاز بىرقىسىم قالدۇق ماتېرىياللارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئالدىنقى كۈنىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئاۋازلىق ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاقسۇنىڭ شايار ياكى كورلا تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەۋە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. توردىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا ئۇقتۇرۇشتا تىلغا ئېلىنغان كاڭدو مەھەللىسىنىڭ كورلا شەھەر سايباغ ئاھالىلەر رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر تەۋلىككە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار كاڭدو مەھەللىسىنىڭ قۇرۇلۇش يولى ئاھالىلەر رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. كاڭدو مەھەللە باشقارمىسىدىكى خادىملار «ئۆزىنى ئاشكارىلاش يىغىنى» نىڭ ئېچىلغانلىقلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

كورلا قارا يۇلغۇندىكى ئىككى كەنت سېكرېتارى ئۆز تەۋەلىكىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازنى يىغىشنىڭ 4-5 ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يالغۇز «قۇرئان كەرىم» لا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا قانۇنلۇق-قانۇنسىز بېسىلغان بارلىق بارلىق دىنىي ماتېرىياللار يىغىلغان؛ بۇ ماتېرىياللار ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىنىپ، بىر قاتار ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ماتېرىياللارنىڭ توغرا-خاتاسى ئايرىلىپ، دۆلەت بىختەرلىكىگە تەھدىتى يوق دەپ قارالغانلىرى تارقىتىلىدۇ. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى ئۆز كەنتىدىن 4-5 مىڭ دانە دىنىي كىتاب، ژۇرنال ۋە قوللانمىنىڭ ھەمدە 500 دىن ئارتۇق جاينامازنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى پاش قىلدى. قارا يۇلغۇن كەنت سېكرېتارى يەنە ئۆز كەنتىدىكى مەسچىت ئىمامىنىڭ ئۆيىدىنلا 12 يەشىك كىتاب يىغىۋېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت