ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە)

0:00 / 0:00

«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» بۇ يىل ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا رەسمىي قويۇلىدۇ

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى-ئابچ بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىلىك رېژىسسور جېف دانىيال ئىشلىگەن ۋە ئاۋسترالىيە-خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىمنىڭ ئابچ غا قاراشلىق تور ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىچىدە رەسمىي قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر فىلىم بۇنىڭدىن 2 يىل ئاۋۋال ئاۋسترالىيىدە قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە تور سىستېمىسىدا قويۇش قارار قىلىنىش تۇنجى قېتىملىقىدۇر.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېسىمىدا يۇقىرىقى قارارنى چىقارغان.

ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فىلىمنى چەكلەش تەلىپىنى رەت قىلىپ، 2009 يىلى 8‏-ئايدا «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى فېستىۋالغا قاتناشتۇرغان ئىدى.

كانبېررا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قۇلاق سالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىلەن ئاۋسترالىيە-خىتاي ئارىسىدا بىر مەزگىل دىپلوماتىك سوغۇقچىلىق پەيدا بولغان ئىدى.

ئۇچتۇرپان يېزىلىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بالىلار ناھىيىگە توپلانغان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە مەركىزىگە يىغىپ ئوقۇتۇش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم.

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋال ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىمۇ كۆرۈلگەن. دائىرىلەر ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى8 يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يەتتىسىنى بىكار قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ناھىيىگە توپلىغان. بۇ بەزى ئاتا ئانىلاردا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

مەكتەپلەر 2009-يىلى تاقىلىپ ناھىيە مەركىزىگە «گوچىڭ» ناملىق بىر مەكتەپ قۇرۇلغان ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپكە توپلانغان. ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى مۇختەر كېرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر مەكتەپتە 5 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلار ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىدىكەن.

مەكتەپنىڭ تۈزۈمى ۋە شەكلى ھەققىدە توختالغان پەلسەپە پەنلەر دوكتورى مەمتىمىن ئەلا بۇ خىل تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيۇر مىللىي كىملىكى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۆھرەت مۇتەللىپ، بىر قانچە مايمۇن غول ھۈجەيرىسىدىن مايمۇن بالىسىنى يېتىلدۈرۈش تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكىنىڭ ئورىگان شتاتىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى ئوخشىمىغان 6 گانگې مايمۇنىنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادا تۇنجى قېتىم «كىمېرا» دەپ ئاتالغان بىر خىل مايمۇن بالىلىرىنى يېتىلدۈردى.

مەزكۇر تەجرىبە ئورىگان شتاتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.

تەتقىقات مەركىزى ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەجرىبە نەتىجىسىنى 5-يانۋار ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىگە ئېلان قىلغان. بۇ دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شۇ كۈنكى ئەڭ قىزىق ئىلىم-پەن خەۋىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

شۆھرەت مۇتەللىپ رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل غول ھۈجەيرە تەجرىبىسىنىڭ دۇنيادا تۇنجى ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ كەلگۈسىدە يۈرەك، شېكەر كېسىلى، پاركىنسون قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ چاغان ھارپىسىدىكى قاتتىق باستۇرۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جىددىي داۋام قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقنى قوغداش باھانىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

خىتاينىڭ «تىنچلىق» تورىدا بۇ ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېڭى يىل كېچىسى بىر كېچىدە، 2871 خادىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مۇقىمسىزلىق ۋە ئامانلىق مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلغان يۈز ئورگان، مىڭ جامائەت سورۇنى ۋە يۈز مىڭ ئائىلىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن.

بۇ جەرياندا 16 كىشىنى قولغا ئالغان. خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە قانداق جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىگەن.

دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىللىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ نىشانى تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش

2011-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇشتىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ۋە بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى پىلان 8-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنى» دا ئاشكارىلانغان. دائىرىلەر، بۇ يىللىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ نىشانى «نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش» دەپ جاكارلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىلاننىڭ ئاساسلىق نىشان دائىرىسىگە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىنكاس: «قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا»

بەزى يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي تىلى سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قىشلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بەرمىگەن. قوش تىل ئوقۇتۇشى ئېلىپ كېلىۋاتقان بېسىملار ئوقۇتقۇچىلاردا نارازىلىق پەيدا قىلغان.

ئاتۇش شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قويۇلغان «مائارىپ نازارىتىگە ئوچۇق خەت» تېمىلىق يازما ۋە بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئاتۇش شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا تەتىل مەزگىلىدە تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچاتقان.

ئاتۇش شەھىرىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مائارىپ سىياسەتلىرىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى بارغانچە ئېغىرلاشقان.

مۇجاھىد قەشقەرلى تۈركىيىنىڭ «شوۋتۋ» سىدىكى مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈشكە تاللاندى

1-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى-«شوۋتۋ» دا ئۆتكۈزۈلگەن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە 4 ياشلىق ئۇيغۇر ئوغلى مۇجاھىد قەشقەرلى باھالىغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندى.

مۇسابىقىگە ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىپ چىققان مۇجاھىد قەشقەرلى ئالدى بىلەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئاجۇن ئىلىجالىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، شائىرە نۇرەلا گۆكتۈركنىڭ ئۇيغۇر شېھىتلىرىگە ئاتاپ يازغان «بىز كىم» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

شېئىردا خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيىنىڭ قاراپ تۇرۇشىغا بولغان نارازىلىق ئىپادىلەنگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك تۈرمە 6-كامىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كىملىك ۋە «قىلمىش» لىرى ھەققىدە قىسمەن ئۇچۇرلار

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر دەۋاگەرلەردىن تۇرسۇنجان غوپۇر، ئۆتكەن ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

خىتاي تۈرمىسىدە 26 كۈن يېتىپ چىققان تۇرسۇنجان غوپۇر ئاشكارىلىغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك تۈرمىنىڭ 6-كامىرىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەمەت تۇرسۇن مامۇت، سىدىق ھاپىز، ئابدۇراخمان قۇزى ۋە ئابدۇرۇسۇل ئېلى قاتارلىق 4 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ھەممىسى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنىڭ تەبلىغلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، «قانۇنسىز» بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ياكى ئاتالمىش قاتىللىق قوراللىرىنى ساقلاش قاتارلىقلار بۇلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.