خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ساقچى قىسىملىرىنىڭ يەنە كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ساقچى كۈچلىرىنى يەنە كۆپەيتىپ، رايونغا يېڭىدىن 8 مىڭ نەپەر ساقچى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دائىرىلەر بۇ ساقچىلار ئارقىلىق «ھەر بىر كەنتكە ئاز دېگەندە بىردىن ساقچى خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ساقچى قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى تەسىس قىلغان ئىدى.
بىراق بەزى ئانالىزچىلار ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئىچىلدى
2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاۋسترالىيە يېڭى ۋەيلىس شتاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.
يېغىن يېڭى ۋەيلىس شتاتىنىڭ پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى. يېغىنغا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى لورىي فەگۇسىن ئەپەندى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن تۆت كىشى قاتناشتى.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا، مەمەت چەلەپچى ۋە جۈرئەت ئابدۇكېرىملار يىغىندا گۇۋاھلىق بەردى.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ۋە شۇ ئارقىلىق ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى رەت قىلىنغان
پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، 31-يانۋار كۈنى دەۋاگەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن جاۋابكار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوتقا چاقىرغان ئىدى.
سوتقا جاۋابكار تەرەپ يېتىپ كەلمىگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق سوتچى، مىنىستىرلىقنىڭ يازما بايانلىرىنى توغرىغا چىقىرىپ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، داۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە يەنە بىر بالداق ئۆرلەپ داۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۆزلىرىنى چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە مىنىستىرلىقنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
گېرمانىيىدە 2012-يىلى «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1-ئاينىڭ 30-كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىش «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىرخانىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياۋروپا-شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، تىبەت ھەرىكىتى، خەۋپ ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
نامايىشتا، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇرلار خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
كامبودژادىن قايتۇرۇلۇپ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن مۇتەللىپ مامۇت ھەققىدە مەلۇمات
خىتاي كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مۇتەللىپ مامۇتنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
مۇتەللىپ مامۇت بۇ يىل 32 ياش بولۇپ، مەكىت ناھىيىسىدىن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر قانچە قېتىملىق خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ سودا بىلەن شۇغۇللانغان.
2008-يىلىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدە روناق تاپقان يانفون شىركىتىنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئۇ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بىر گۇرۇپپا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار مۇشەققەتلىك سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كامبودژاغا يېتىپ كەلگەن.
كامبودژاغا كېلىپ، ئارىدىن نەق ئىككى ئاي ئۆتكەندە خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئۇ 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سوتقا تارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەلىرى كىمئاشتى قىلىپ سېتىلماقتا
خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى چارلاش ھوقۇقىنى بازارغا سالىدىغان مەخسۇس مەركەز قۇرغان بولۇپ، بۇ مەركەز ھازىرغىچە كىمئاشتى قىلىپ بازارغا سالغان سودا تۈرى 53 كە يەتكەن.
مەزكۇر سودا مەركىزىدە خىتاي دائىرىلىرى 16-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى تالدۇ مىس كانىنى ئالدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق توققۇز كاننى چارلاش ھوقۇقىنى كىمئاشتى قىلىپ ساتقان. چاقىلىق تەۋەسىدىكى ئالتۇن كاننىڭ ئالدىن چارلاش ھوقۇقىنى تالىشىش ئەڭ كەسكىن بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغان بىر خىتاي ئېنېرگىيە شىركىتىدىكى ئۇيغۇر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى ئاشكارا سېتىشتەك بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىگە زىياندىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» نى ماقۇللىغان
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» نى ماقۇللىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇندا كىشىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا دىن، ئىرق، سالامەتلىك ياكى جىنس جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبلىك كەمسىتىشكە بولمايدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق ھادىسىلەر سادىر بولسا، ئۇلارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، ئىرقىي، ئېتنىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ئومۇمى يۈزلۈك ھادىسە بولۇپ، ئەگەر بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، رايوندا يەنە مىللىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
گوللاند تىلى گرامماتىكىسى نەشردىن چىقتى
گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان رىزۋانگۈل مەخسۇمنىڭ ئىككىنچى كىتابى-«گوللاند تىلى گرامماتىكىسى» نەشردىن چىقتى. 176 بەتلىك بۇ كىتابتا گرامماتىكىغا ئالاقىدار جۈملە، ئىگە، پېئىل، تولدۇرغۇچى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار تونۇشتۇرۇلغان.
كىتابتا يەنە قائىدىلىك ۋە قائىدىسىز پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى، جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسى، گرامماتىكىلىق ئۇقۇملىرى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەندىن باشقا، ھەر بىر دەرسلىككە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كۆنۈكمە مەشىقلىرى بېرىلگەن. رىزۋانگۈل مەخسۇم، ئىلگىرى «گوللاندچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى.
