ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 - مارتتىن 12 - مارتقىچە)

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۈچەيتىشكە 600 مىليون يۈەن خىتاي پۇلى ئاجراتقان

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۈچەيتىش ۋە كۆپەيتىشكە 600 مىليون يۈەن خىتاي پۇلى ئاجراتقان. " خىتاي كۈندىلىك گېزىتى"دە بۇ بۇ پۇلىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىنكى "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش" نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاجرىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى سىياسىي كومىسسارى گېنېرال يۇ لىنشىياڭ "گەرچە شىنجاڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ رايون قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ جىددىي رايونلارنىڭ بىر بولۇپ قالدى" دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلى قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مۇئاۋىن كومىسسارى خوشاۋشىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 8 - فېۋرال ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ 6 - تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان. بۇ خىلدىكى تارماق ئەترەتلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىمۇ كەينى - كەينىدىن قۇرۇلىدىكەن.

نۇر بەكرى: مىللىي بۆلگۈنچىلەر مەغلۇبىيەتنى ئاسان تەن ئالمايدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى 6 - مارت بېيجىڭدا، "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"نىڭ قاتتىق باستۇرۇشلارغا قارىماي يەنە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇر بەكرى بۇ سۆزلەرنى ئىككى يىغىن جەرياندىلا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشى يىغىنىدا ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " ئۇلار مەغلۇبىيەتنى ئۇنداق ئاسان تەن ئالمايدۇ. ئۇلار بۆلگۈنچىلىك قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بىزگە ئاۋارىچىلىك سېلىشى ئۈچۈن ئۇسۇل تەدبىرلىرىنى يەنە ئۆزگەرتىدۇ".

نۇر بەكرى يىغىندا يەنە، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقچىلىرى پىلانلىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى باستۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەقەگە ئالاقىدار 30 نەپەرگە يېقىن ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.

بابۇر مەخسۇت جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

8 - مارت شۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزگەنلىك سەۋەبى بىلەن بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

بابۇر مەخسۇت 2009 - يىلى 6 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. شۋېتسىيە تەپتىش ئورگىنى بابۇرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، خىتاينىڭ شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىك خادىملىرىغا ۋە مۇخبىر سىياقىدىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قانۇنسىز يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ 16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان "ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش مەكتىپى" نىڭ دەرس باشلىغانلىقىغا 3 ھەپتە بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپتە كىچىكى 4 ياش، چوڭى 19 ياشقىچە ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى دەرس ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60 كە يەتكەن.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغدىماقتا

ئۆتكەن يىلى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە قۇرۇلغان، "ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە" ئۆز رايونىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشنى باشلىغان ئىدى.

ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر ۋە ئەكبەر ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئېشىپ مانا ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى دەسلەپكى مەزگىلدىكى 15 نەپەردىن ئېشىپ 50 نەپەرگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسى خېلى ياخشىلانغان بولۇپ، ھازىر بالىلار ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن بېيجىڭدا چاقىرىلغان "دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيى"دا ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا قارىتىلغان "بېيجىڭ خىتابنامىسى" ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت ئاياللار كومىتېتى "بېيجىڭ خىتابنامىسى"نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى چاقىرغان.

يىغىن 1 - مارت باشلىنىپ، 12 - مارتقىچە داۋام قىلىدىكەن. 9 - مارت ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللار ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ب د ت دىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

دالاي لاما 'شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى'نى بىلدۈردى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما 10 - مارت تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، "شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما چارشەنبە كۈنى دارامسالادا مۇخلىسلىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۇنجى قېتىم ئاشكارا "شەرقىي تۈركىستان" ۋە "شەرقىي تۈركىستان خەلقى" دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى.

دالاي مۇنداق دېدى: "ئېغىر قىيىنچىلىقلار ۋە كۈنسېرى جىددىي باستۇرۇشلارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك". "مەن ئۇلارغا ھەمدەمچى ئىكەنلىكىم ۋە ئۇلار بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمەن".

خىتاي ئەمدى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا باشلايدىكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - مارت ئۈرۈمچىدىن تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىدە يەر قاتلىمىدىكى 220 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا 390 مىليارد توننا كۆمۈر زاپىسى بار بولۇپ، كۆمۈرلۈكى سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان.

بىرلەشكەن ‬دۆلەتلەر ‬تەشكىلاتى: ‬ئاسىيا - تىنچ ‬ئوكيان ‬ئەللىرىدە ‬مىليونغا ‬يېقىن ‬ئايال ‬كېمىيىپ ‬كەتكەن

بىرلەشكەن ‬دۆلەتلەر ‬تەشكىلاتى ‬ئېلان ‬قىلغان ‬دوكلاتقا ‬قارىغاندا، ‬خىتاي ‬قاتارلىق ‬ئاسىيا - تىنچ ‬ئوكيان ‬ئەللىرىدە ‬يېمەكلىك، ‬سالامەتلىك ‬جەھەتلەردىكى ‬كەمسىتىش ‬ۋە ‬قىز ‬بوۋاقلارنى ‬تۇغماسلىق ‬قاتارلىق ‬سەۋەبلەردىن ‬100 ‬مىليونغا ‬يېقىن ‬ئايال ‬كېمىيىپ ‬كەتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ‬خىتاي ‬ۋە ‬ھىندىستاننى ‬ئۆز ‬ئىچىگە ‬ئالغان ‬ئاسىيا ‬ئەللىرىدە ‬جەمئىي ‬96 ‬مىليون ‬ئايال ‬كەم ‬بولۇپ، ‬مەسىلە ‬خىتاي ‬ۋە ‬ھىندىستاندا ‬ئەڭ ‬ئېغىر ‬ئىكەن. ‬مەلۇم ‬بولۇشىچە، ‬خىتاي ‬ۋە ‬ھىندىستاندا ‬جەمئىي ‬85 ‬مىليون ‬ئايال ‬كەم ‬ئىكەن.

2009 - ‬يىل ‬بۇ ‬ھەقتە ‬ئېلىپ ‬بېرىلغان ‬بىر ‬تەتقىقات ‬نەتىجىسىگە ‬قارىغاندا، ‬خىتايدا ‬نۆۋەتتە ‬تەڭ ‬ياشتىكى ‬قىزلارغا ‬سېلىشتۇرغاندا ‬32 مىليون ‬ئوغۇل ‬كۆپ ‬بولۇپ، ‬بۇ ‬پەرق ‬كەلگۈسى 20 ‬يىلدا ‬تېخىمۇ ‬ئېشىپ ‬خىتايدا ‬مىليونلىغان ‬ئوغۇللار ‬لايىقسىز ‬قالىدىغان ‬ھادىسە ‬مەيدانغا ‬چىقىش ‬مۇمكىن ‬ئىكەن.