'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' مونترېئال كىشىلىك ھوقۇق فېستىۋالىدا
"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" نۆۋەتتە كانادانىڭ مونترېئال شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلدى.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچمىشلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن.
بۇ يىل 12 - مارت مونترېئال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا فېستىۋال باياناتچىسى چارلېز بىنامې "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"گە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.
رابىيە قادىر خانىم 5 - نۆۋەتلىك مونترېئال كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا فېستىۋالنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋە 12 - مارت كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارغا ۋە رابىيە خانىمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىنىڭ 21 - مارتقا قەدەر داۋاملىشىدىكەن.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇتۇبى ناھىيىسىدە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرماقچى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇتۇبى ناھىيىسى تەۋەسىدە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرماقچى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەبىئىي گاز ئامبىرىنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى " جۇڭگو نېفىتى" شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارمىقى قۇرۇپ چىقىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاراماي شەھىرىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى، مەزكۇر گاز ئامبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدىكى گاز يېتىشمەسلىكى ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلى ئىنتايىن مول تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە. خىتاي ئاخباراتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرى ئىستېمال قىلىدىغان تەبىئىي گازلارنىڭ 70 پىرسەنتىنى " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسى" تەمىنلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق بۇ يىل فېۋرالغىچە 60 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەلگەن. دەل مۇشۇ پەيتتە بۇ يىل قىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈنگەن.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دىپلومات ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دىپلومات ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى، ئامېرىكىدا يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلىنىدىغان ئاياللار ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا رابىيە خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، تارىختا ۋە بۈگۈن ئويناۋاتقان روللىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئۇ، سۆزىدە 2008 - يىلى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى خانىم - قىزلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى، ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر بايان قىلغىنى ئۈچۈن، بۈگۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.
پارلامېنت ئەزاسى ئاۋنى دوغان: "تۈرك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق باش پاناھ بولىدۇ"
تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ئاۋنى دوغان ئەپەندى تۈرۈك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق باش پاناھ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا تارىخىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت ئىكەنلىكى، شۇڭا دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئېزىلگەن خەلقلەرگە باش پاناھ بولۇش تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، دەپ كۆرسەتتى ۋە:"
بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مىللەت، تىلىمىز ئوخشاش، ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىمىز. ئۇيغۇرلارغا باش پاناھ بولماسلىق تارىخىي نادانلىق بولىدۇ. دېدى.
خىتاي شاياردىكى بىر نېفىتلىكتىنلا سەككىز يىلدا 15 مىليون توننا نېفىت ئېلىپ كەتتى
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى يېقىندا خىتاينىڭ پەقەت شاياردىكى بىر نېفىتلىكتىنلا سەككىز يىل ئىچىدە 14 مىليون 715 مىڭ توننا نېفىت ئېلىپ كېتىپ، بۇنىڭدىن 22 مىليارد 634مىڭ يۈەن قىممەت ياراتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي 1998 - يىلىدىن باشلاپ تەكلىماكاندىن نېفىت ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي ھازىر كۆلىمى 560 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تەبىئىي گاز زاپىسى 16 مىليارد توننىلىق بۇ نېفىتلىكنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تەمىنات بازىسى قىلىشنى پىلانلىماقتا.
ئەنگىلىيە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009 - يىلى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەندىشە يارىتىدىغان دۆلەتلەر"نىڭ بىرى، دەپ كۆرەتتى.
ئەنگىلىيە ئېلان قىلغان 192 بەتلىك دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنغان. 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر پىدائىي مۇخبىر ئۆتكەن ئايدا قەشقەردىن گۇاڭدۇڭغا ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن پويىزدا ئۇچرىشىپ قالغان. ئۇ سەپەر ئۈستىدە ئىشلەمچىلىككە ماڭغان قىزلارنى ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭغان كەنت باشلىقىنى زىيارەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ چەكلىكلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىش ئىمكانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاشماسلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇر قىلغان.
كەنت باشلىقى زاۋۇتلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئوغۇل ئىشچى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىش چىقىرىپ قويۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قاتتىق ئىقتىسادى سىياسەت قوللىنىشقا ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇردى
بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە قارشى تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھىسىنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى چارلېز سكۇمېر ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان لىندسېي گراھام قاتارلىقلار بىرلىكتە تونۇشتۇرغان.
سكۇمېر ئەپەندى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان نەتىجىسىز سۆھبەتلىرىدىن " تويۇپ كەتكەن" لىكىنى ئېگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: " بىزنىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياجىمىزغا قارىغاندا، خىتاي ئامېرىكا بازىرىغا بەكرەك موھتاج. ھازىر خىتايغا قارىتا ھەققىدە ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيت كەلدى."
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىگە ئېتىراز بىلدۈردى.
