ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-ئاپرېلدىن 20-ئاپرېلغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر بوكسچى مۇھەممەتتۇرسۇن بۇ يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

ئۇيغۇر بوكسچى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوكىراملىلقلار بويىچە بۇ يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

ئولىمپىك ئۈچۈن ئاسىيا قىتئەسى بويىچە بوكس ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى 5-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇسابىقىدە 30 دۆلەتتىن كەلگەن ئون خىل ئېغىرلىقتىكى 250 ماھىر بۇ يىل لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپىك بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 25 ئورۇن ئۈچۈن مۇسابىقىلەشكەن. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بوكسچى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ ئۆز ئېغىرلىقى بويىچە رەقىبلىرىنى يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت ۋە بوكس بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى مۇھەممەت تۇرسۇن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2000-يىلىدىكى سىدنېي خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئابدۇراخمان تاللانغان ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىدى.

يەكەن بازىرىدىكى ئىككى بىنا ماجىراسىغا قارىتا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بايانلىرى

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى دائىرىلەر يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ سەيچى كەنتىدىكى ئاھالىلەرگە تەۋە ئىككى بىنانى چاقماقچى بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى كوللېكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، بىنانىڭ چېقىلىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى.

چارشەنبە كۈنى مەزكۇر كەنتتىكى يەنە بىر دېھقان، چېقىلماقچى بولغان بىنانىڭ تاملىرىغا خىتاي قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرى بېسىلغان ۋاراقچىلارنى چاپلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.

يەكەن بازارلىق پارتكوم سېكرېتارى ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت باشلىقى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئىككى بىنادا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھەققى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.

يەرلىك ئاھالىلەر، بۇ بىنالاردا ئۆزلىرىنىڭ ھەققى بارلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىككى بىنانى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز سېتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ سەيچى كەنتىدىكى ئاھالىلەر، ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بىر مېھمانخانا ۋە بىر خىزمەت بىناسىنىڭ سېتىلىشىغا قارشى 4 ئايدىن بېرى ناھىيە ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىشلىق دېگەن جىنايەت بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنغان.

بولۇپمۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇرۇلئىسلامنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈشى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14- ئوتتۇرا مەكتەپتىن قولغا ئېلىنغان 36 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاچ قويۇلۇش ۋەقەسى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىلگىچە غۇلغۇلا قىلىنغان.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى سوراق قىلىشقا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىن بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قولغا ئېلىنغان ئىكەن.

ياپونىيىدە «ياپونىيىلىكلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەمگە چاقىرايلى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ياپونىيىلىكلەرنىڭ «تىرىشقىن ياپونىيە» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتى توكيو شەھىرىدە «ياپونىيىلىكلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەمگە چاقىرايلى» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن توكيو شەھىرىدىكى ئىكېبۇكۇرو بېكىتىدە ھەمدە شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بىر زالدا ئۆتكۈزۈلدى. چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتتىق يامغۇرغا قارىماي نۇرغۇن ياپونىيىلىكلەر قاتناشتى. كەچلىك ئىئانە توپلاش زىياپىتىگە بولسا 250 ئەتراپىدا ياپونىيىلىك قاتناشقان ۋە زىياپەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ئىئانە توپلانغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى توكيودا شۇ كۈنى ناچار ھاۋاغا قارىماستىن ياپونىيىلىكلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت ئۇچرىشىش كۆرگەزمىسى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تونۇشتۇرۇلدى.

كۆرگەزمىنى بابى ئالەم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ پائالىيەت 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمىدە 75 دۆلەتتىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

كۆرگەزمىگە قاتناشقان مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتىدىغان مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر زىيالىيلار: ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئورنىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئورنىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە باشلىغانلىقىغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن ئاستا‏-ئاستا سىقىپ چىقىرىلماقتا. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ۋە كانادا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئورنىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.