ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-مايدىن 11-مايغىچە)

0:00 / 0:00

د ئۇ ق ياپونىيىدە ئاچىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى

14-ماي ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن پۈتكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن 125 كىشى قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلغان. ئۇندىن باشقا تۈركىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن 9-ماي توكيوغا يېتىپ كەلگەن. دولقۇن ئەيسا يىغىن تەپسىلاتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئارقىلىق تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن 14-مايدىن 17-مايغىچە توكيودا ئېچىلىدۇ.

«5‏-ئىيۇل» دا غايىب بولغانلاردىن 15 كىشىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى

«5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىشتا قولغا ئېلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان 36 كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە يىپ ئۇچىغا ئېرىشىلدى ۋە بۇلاردىن 15 نەپىرىنىڭ كىملىكى تولۇق ئايدىڭلاشتى.

كىملىكلىرى ئايدىڭلاشقان 15 كىشىنىڭ 13 نەپىرى ئۇيغۇر، ئىككى نەپىرى قازاق بولۇپ، بۇلار 17 ياش بىلەن 45 ياش ئارىسىدا. بۇلاردىن بىر نەپىرى 5-ئىيۇل غايىب بولغان، قالغانلىرى كېيىنكى 1 ئاي ئىچىدە تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن غايىب بولغان.

2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم، ئاباخۇن سوپۇر ۋە ئىماممەمەت ئېلى قاتارلىقلار ھەققىدە رادىئومىزدا مەلۇمات بېرىلدى. تەپسىلاتىنى تور بېتىمىزدىن كۆرگەيسىلەر.

ئايگۈل مەمەت ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقچى

كانادادىكى سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت 6-ماي كانادا تالانت مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۆتكىلىدىنمۇ غەلىبىلىك ئۆتۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق تاللاشتا شام چىراغ ئويۇنىنى نەپىس ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئايگۈل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ تونۇلۇشى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2004-يىلى كاناداغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت 4-مارت كانادادىكى ئەڭ چوڭ تالانت سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

خىتايدا ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئادالەت تەلەپ قىلماقتا

9-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىغا يىغىلغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار «توپلىشىپ قالايمىقانچىلىق چىقاردى» دېگەن باھانە بىلەن بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنى ئۇرغۇچىلار تىيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدىكى چارلىغۇچىلار ئىكەن. شۇ كۈنى ئانارگۈل يۈسۈپ، ئامىنەم، تۇردى ساۋۇت، تۇراپجان، رەھىم يۈسۈپ قاتارلىق 5 ئۇيغۇر ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

10-ماي كېچىدە دوختۇرخانىغا بارغان ئانارگۈل، ئامىنەم قاتارلىق ئەرزدارلار، باراۋەرلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتبول ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى

يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەفىسكى پۇتبولنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئوينىغان رولى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلىدى.

«پۇتبول ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ پۇتبول ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا قاتناشقان 97 پىرسەنت ئادەم ئۆزبېكىستان-خىتاي مۇسابىقىسىدە ئۆزبېكىستاننى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما 97 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئادەم شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى مەيلى كىم بىلەن مۇسابىقىگە چۈشسۇن، شەرقىي تۈركىستان كوماندىسىنىڭ ئۇتۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي كوماندىسىنىڭ ئۇتۇۋېلىشىنى خالىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3 پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن.

ئۇيغۇر يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ناچارلاشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىپ يولغا قويغان «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» ئۇيغۇر تىلدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىشى، كۆپلىگەن مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتسىز قېلىشى ۋە مائاشىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خوتەننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارغا پەقەت «ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمى» بويىچە مائاشنىڭ 70 پىرسەنتى بېرىلىدىكەن.

بەزى سەۋەبلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنىمۇ تولۇق ئالالمايدىكەن. بىر قانچە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئەھۋال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى بىر ياش ئايال ئوقۇتقۇچىمۇ، مائاشنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەمما خىزمەت بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.