قارىمايلىق ئانىلار يولىدىن قايتمىدى
قارىمايدىكى ئىشسىز قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭغا ئەرزگە بارغان ئاياللار قارىمايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى. بىراق، ئەرزدارلار قارىمايغا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق نامايىش قىلغان. 6-ئىيۇن كۈنى دائىرىلەر 500 دىن ئارتۇق، ساقچى، قوراللىق ساقچى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىنى چىقىرىپ، نامايىشچىلارنى زورلۇق بىلەن تارقىتىۋەتكەن.
زۇلپىيە ھەسەن، ئارزۇگۈل قۇناخۇن ئىسىملىك ئىككى ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان. ئەرزدارلاردىن دىلبەر خانىم ئاشكارىلىشىچە، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ھەر كۈنى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ، داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتىكەن.
نۇر بەكرىنىڭ خەنزۇغا كۈچى يەتمەيدۇ
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىن كەلگەن بىر دەۋاگەرنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالاپ بېرىشكە قۇربى يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ بازارلىق پارتكوم سېكرېتارى لى روڭ، مەمتىمىن مەتتوختى ئىسىملىك ئۇيغۇر دېھقاننى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغان.
بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى رەجەپ مەتتوختى ئۈرۈمچىگە قەدەر ئەرز قىلىپ بارغان. ئۇ، 2009-يىلى 11-ئايدا نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بىراق، نۇر بەكرى ئۇنىڭ ئەرزى ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان.
روپاشلارغا ماي يوق
ئۇيغۇر ئېلىدە روپاش ئاياللارنى ئاممىۋى سورۇنلاردىن چەكلەش ھەرىكىتى جەنۇبتىكى ماي پونكىتلىرىغا كېڭەيگەن
دائىرىلەر ماي پونكىتلىرىغا ئۇقتۇرۇش چاپلاپ، يولۇچىلارنى «روپاش ئاياللارنى سېلىپ كەلگەن ئاپتوموبىللارغا ماي قاچىلاپ بېرىلمەيدىغانلىقى، روپاش ئاياللارنىڭ ماي پونكىتىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىن بىر ئۇيغۇر ئايال، بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش قەشقەرنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى چەكلىمە سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ يېڭى ئالغان ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنى تەس
د ئۇ ق خىتاينىڭ تەتىلگە قايتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇ كىشىلىك ئەركىنلىككە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، دەپ كۆرسەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە چوقۇم يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، يەرلىك تارماقلارنى ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ، ھەر جۈمە كۈنى يوقلىما قىلىش، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلىپ، ئۇلارنى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇشقا بۇيرۇغان.
د ئۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
سۇدىخان ھەدە يۇرتىغا كەتتى
«5-ئىيۇل غايىبلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» دىن سۇدىخان ھاجىم، يېقىندا يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
سۇدىخان ھاجىمنىڭ ئوغلى مەمەت بارات «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ 3 يىلدىن بۇيان ئوغلىنىڭ دەۋا دەستۇرىنى قىلىپ كەلگەن. دائىرىلەر ئۇنى ئىزچىل ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە مەجبۇرلاپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندا ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى تۇيۇقسىز توختامنى بۇزۇپ، ئۆينى بىكارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن سۇدىخان ھاجىم ساقچىغا شىكايەت قىلىپ بارغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئاستىرتىن ئاھالىلەر كومىتېتى ئارقىلىق ئۆي ئىگىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، سۇدىخاننى كۆچۈرۈۋېتىشكە قىستىغان.
مەسچىت چوڭ سېلىنىپ قالدى
ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ ئەنەنچۈ يېزىسىغا سېلىنىۋاتقان بىر مەسچىت، كۆلىمى چوڭ بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغان.
دائىرىلەرنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويۇش سەۋەبى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدىكى كونا مەسچىت ئورنىغا سېلىنىۋاتقان بۇ مەسچىتكە ھۆكۈمەت ھېچقانداق پۇل چىقارمىغان.
مەسچىت پەقەت ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىئانىسى بىلەن قۇرۇلۇش باشلىغان. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى، شەكلىگە ئىزچىل چەكلىمە قويۇپ، چوڭ كۆلەملىك ۋە ھەشەمەتلىك مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەن ئىدى.
