خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئۆزى ياسىغان پارتلاتقۇچنى تاشلىغان ئۇيغۇر ياش قويۇپ بېرىلدى
ئۆتكەن يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بىر كۈن قالغاندا، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئۆزى ياسىغان بىر بومبىنى تاشلىغان. بومبىدا چوڭ كۆلەملىك بىر زىيان - زەخمەت كېلىپ چىقمىغان بولسىمۇ، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان ئىدى.
شۇ كۈنى تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان مەمەت تۇرسۇن، ئالدىنقى كۈنى يەنى 30 - دىكابىر كۈنى سوتلانغان. تۈرك سوتى مەمەت تۇرسۇننى قويۇپ بېرىش قارارىنى چىقارغان.
مەمەت تۇرسۇننىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە سوتى مەمەت تۇرسۇننىڭ دېلوسىغا ھۆكۈم چىقارغاندا شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى نەزەردە تۇتقانلىغىنى بىلدۈرگەن. مەمەت تۇرسۇن شۇ كۈنى بالىسى، خانىمى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىسىگە قايتقان.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ نىشانى خەلقئارا جامائەت پىكىرى توپلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىننى تېزرەك قويۇۋېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. ئىمزا توپلاش پائالىيىتى "كۆڭۈل بۆلۈش " ناملىق تورنىڭ "ئەرزىيەت" سەھىپىسىدە 27 - دېكابىر باشلانغان.
توردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان سىياسىي بېسىملار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ تور بېتىدە ئىلگىرى قەدىمىي قەشقەرنىڭ چېقىلىشىغا قارشى ئىمزا تولاش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 28 - دىكابىر كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلىفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە سىستىمىسىنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇقتۇرۇشتا، 28 - دىكابىردىن باشلاپ، بىر قسىم تورلارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى، قول تېلىفوندا تېكست يوللاشقا قىسمەن يول قويۇلىدىغانلىقى، قەدەممۇ - قەدەم ئۇزۇن يوللۇق يەنى خەلقئارالىق تېلىفوننىڭ ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يەنە ئۇقتۇرۇشتا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تېنجىتىش ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىنتېرنېت ۋە تېلىفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە سىستىمىسغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىغانلىقى؛ ئەينى ۋاقىتتا يەنە بۇ چەكلىمىنىڭ رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا قولايسىزلىقلار ئېلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
'ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى' قاتارلىق تەشكىلاتلار كامبۇدژا ۋە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلۇ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان مىللىي قىرغىنچىلىقى كۇپايە قىلمىغاندەك، ئەمدى چەتئەللەردە قىيىن ئەھۋاللاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆررىيەتلىرىگە ئۇيغۇنمۇ دەپ سوئال قويدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:، ھەممىمىز شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى ئۆتكەن ئايلاردا كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ھازىرمۇ بۇ زۇلۇم داۋام قىلىۋاتىدۇ؛ ئەمدى سۈكۈتتە تۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى ۋە ياكى ئۆتۈپ كەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
باياناتتا، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "بۈگۈنكى كۈنگىچە، قىيىن - قىستاق ۋە تەن جازاسىغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىشلىگەن خىتاي دائىرىلىرى، بۇ كىشىلەر ھەققىدە ئادىل سوت ئېچىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى نۇقتىسىدا خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ماددىلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى يالغان سوت بىلەن ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلغان ۋە سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللانغان خىتاينى بۇ قىلمىشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىمىز."
باياناتتا يەنە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ كامبۇدژادا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 22 ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىككى ئايدىن بىرى رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي ئىدارە - ئورگانلارغا دوكلات سۇنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: "بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە قانداق خىزمەت ئىشلىگەن بولساق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا بۇ ئىشنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. باشتا خىتاي ھاكىمىيىتىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى شۇنداقلا سۈكۈتتە تۇرغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيمىز ھەمدە كامبۇدژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشىقا چاقىرىق قىلىمىز."
ئۆتكەن بىر ھەپتىلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىاسي ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىكنىڭ يەنە مەلۇم مەزگىل داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇمات بولماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" قانۇنى ماقۇللىدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ماقۇللاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز گەپ - سۆز قىلغۇچىلارنى جىنايەتچى سۈپىتىدە جازالايدىغانلىقىنى بېكىتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى"نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر نىزامدا ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى قىلىشى، تارقىتىشى، توپلىشى، تەمىنلىشى، بېسىشى، ئېلان قىلىشى ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلەنگەن.
مەزكۇر قانۇننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 2009 - يىلى 6 - ئايدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا تاپشۇرۇلغان. لېكىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن دائىرىلەر مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قۇرۇلتاينىڭ تەستىقىغا قايتا يوللىغان ئىدى. ئانالىزچىلار، مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسى روھى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى، چۈنكى قانۇندا "مىللى بۆلگۈنچىلىك شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئاساسى خەۋپتۇر " دېيىلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
مەزكۇر نىزامنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ قانۇندا تۇنجى قېتىم كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزى جىنايەت كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئادەتتىكى گەپ - سۆزىدە ۋەزىيەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگۈچىلەرنى جازالاش ئاسانلاشقانلىقىنى، نىزامنامىدە قانداق سۆزلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسز سۆز ئىكەنلىكىنىڭ چەك - چېگرىسى ئېنىق ئايرىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خىتاي، "دۆلەت سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" چاقىرىقى چىقاردى
خىتاي، 18 - دىكىابىردا ئېچىلغان قانۇن خىزمەت يىغىنىدا، خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرغۇچى قارشى كۈچلەرنى ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى دۆلەت دۈشمەنلىرى دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارغا ئالدىن ۋە قاتتىق زەربە ببېرىشنى تەشەببۇس قىلغان.
يىغىندا، "دۆلەت سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" چاقىرىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" "2009 - يىللىق خەلقئارالىق زور ۋەقەلەر" تىزىملىكىگە كىردى
خەلقئارادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 2009 - يىللىق زور ۋەقەلەرنى رەتكە تىزىشىدا، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى " ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالغان.
جۈملىدىن، ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ "2009 - يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك زور ۋەقەلەر" تىزىملىكىدە " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خەلقئارالىق تەسىر قوزغىغان پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىراقتىكى زور پارتلاش ۋەقەسى، پاكىستان ئىچكى ئۇرۇشى قاتارلىق خەلقئارالىق زور تەسىرگە ۋەقەلەر بىلەن بىر قاتاردا تىزىلغان.
شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
ستوكھولىمدا - 25دىكابىردىن - 27دىكابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يىغىندا يەنە مەخسۇس تەييارلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن.
يىغىنغا شىمالىي ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەر قاتناشقاندىن سىرت، ئەرەب ئەللىرىدە نوپوزغا ئىگە بىر قىسىم دىنىي ئىلىم ئىگىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر قېتىم ئەتراپلىق بىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق' ناملىق يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2009 - يىلى12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىنغا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈركلەر ۋە تۈركىيىدە پاالىەيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان.
يىغىندا ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئارسلان ئالپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن. يىغىندا قاتناشقان بىر خانىم مۇنداق دېگەن: "مەن بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاشۇلاردەك بىر ۋەھشىيلىككە دۈچ كەلسەم، ھەقىقەتەن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىمەن، بۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر ۋەقە، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكنى ئىپادىلىگۈدەك بىر سۆز تاپالمىدىم، يۈرەكلىرىمىز يەنە بىر قېتىم ئاغرىدى، كاشكى قولىمىزدىن چوڭ ئىشلار كەلسە، نېمە قىلىش كېرەك بولسا ئۇنى قىلىشقا تەييارمىز، ئەمما شارائىتلارنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئاللاھدىن سەبىر قىلىشنى، تايىنىدىغان كۈچ - قۇۋۋەت بېرىشىنى تىلەيمەن."
