خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە "پۇقرالارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش نىزامنامىسى" نى ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر رايونلۇق قانۇن ئورگانلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئالاقىدار نىزامنامىنى تۈزىتىپ، جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىپ يارىلانغان پۇقرالارغا ئىنقىلابىي قۇربانلىق نامى بېرىلىدىغانلىقى ھەمدە سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى شەرتسىز داۋالىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇ نۆۋەت تۈزىتىلىپ تونۇشتۇرۇلغان " ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 - يىغىندا ماقۇللانغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ نىزامنامىدا، ئەگەر "پۇقرالار" جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش يولىدا ياكى جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەشتە "ئۆلگەن بولسا" دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن "ئۇلارغا ئىنقىلابىي قۇربان"لىق نامى بېرىش ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە مائاشى بېرىش" قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
بۇ، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان چىقارغان شۇ خىلدىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلىرىنىڭ بىر قىسمى.
ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ لېچۈئەن سۆزىدە پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ھۆكۈمەت رەھبىرى كادىرلىرىنى باشلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىن ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يوقلىغاندا، بۇ سۆزنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ، "شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر" دەپ كۆرسەتكەن.
ئىلھام توختى: بىز ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى ئەمەس
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى 4 - يانۋار، پروفېسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىلھام توختى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتى ھەققىدە ھەپتىلىك لېكسىيە ئۇيۇشتۇرماقتا.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلھام توختى لېكسىيىسىدە مىللىي كىملىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە. ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئىلھام توختى بىر قېتىملىق لېكسىيىسىنى مۇنداق باشلىغان: "بىز ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بىزنىڭ تارىخىمىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بەرپا قىلغان ئەمەس. يەنى بىزنىڭ تارىخىمىز 60 يىللىق تارىخ ئەمەس، كۆپ ئۇزاقلارغا سوزۇلغان قەدىمىي تارىخ."
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىلھام توختى لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چەتئەلدىن ئۈمىد كۈتۈشتىن بەكرەك، مەۋجۇت قانۇنلار ئارقىلىق مىللىي مەنپەئەتنى مۇداپىئە قىلىشقا چاقىرغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە پوچتا كارتىسى تارقاتماقتا
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى بىلەن قىسقارتىلغان ئىسمى "كائىر كانادا" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىسلام تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، 2006 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پوچتا كارتىسى بېسىپ تارقاتماقتا.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلاتلار ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن كانادا مىقياسىدا كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېرغا ئىمزالىق پوچتا كارتىسى ئەۋەتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە ئەۋەتىلگەن پوچتا كارتىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ يىل يېڭى يىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، بۇ تەشكىلات يەنە يېڭى يىللىق پوچتا كارتىسى تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ، پوچتا كارتىنىڭ ئۈستىگە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەرجىمىھالى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن.
يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلدى
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقچىلار يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرى بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ ساندا ساقچىلار تىنىمسىز چارلاش ئېلىپ بارغان.
مەلۇم بىر شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى ھېچقانداق ۋەقە چىقمىغان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ ماڭغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە يەنە، يېڭى يىل ھارپىسىدا، غۇلجىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن بىر سىنئالغۇ لېنتىسى بايقالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاي ساقچىلىرى 25 - دېكابىردىن 30 - دېكابىرغا قەدەر قەشقەر شەھىرىدە ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ قەدىمىي كىتابلارنى يىققان ۋە ئوت قويغان.
خىتاي، تېخىچە تىنچىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە تىنچىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى ۋە بەزى دىنىي پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى.
شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇ رايوندا تېررورچى، بۆلگۈنچى، دىنىي دەپ ئاتالغان ئۈچ خىل دۈشمەن كۈچلەرنى تار - مار قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقتى.
شېنجېندا بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئۆلتۈرۈۋېتىلدى
"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئۆچمەنلىك ۋە مۇناسىۋەتتىكى جىددىيلىك يەنىلا پەسىيىدىغاندەك ئەمەس. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى بىلەن خىتاي خېرىدارلار ئارىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر كۈتكۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونىدىكى بىر مۇسۇلمانلار رېستورانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە چارشەنبە كۈنى كەچ سائەتلەردە كېلىپ چىققان.
ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن رېستوران كۈتكۈچىسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن بولۇپ، "خەلق گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە، 7 نەپەر خېرىدارنىڭ ئىچىدىكى دئۇڭ فامىلىلىك بىرىنىڭ تۇرسۇننى پىچاق بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقى، تۇرسۇننىڭ ئەتراپتىكى فۇتيەن خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شېنجېن ساقچى دائىرىلىرى 7 نەپەر كىشىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا چۈشكەنلىكىنى ۋە بۇ دېلو ئۈستىدە ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئومىزغا كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى، شاۋگۇئەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈشى تىپىك مىسال بولالايدىكەن.
