7 - سېنتەبىر كەچتە ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرى توسۇۋېتىلدى
يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىنىڭ توسۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى 2 - سېنتەبىردىن بېرى ئۈرۈمچىدە ھەر خىل كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نامايىشلاردىن كېيىن يولغا قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يول توسۇش 7 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچتىن، 8 - سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە داۋام قىلىدىكەن.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن ۋە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق رايونلار قامال قىلىنغان ئىدى.
ھالبۇكى خەۋەردە ئۈرۈمچىدە يۈرگۈزۈلگەن يول توسۇشنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ يەنە قايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئىستانبۇلدا قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى
2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۈركىيىدە، ئۇيغۇر قارىيلار ئارىسىدا قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتئى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقىگە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپئى ساھىبخانىلىق قىلدى.
30 پارە قۇرئاننى تولۇق يادا ئېلىپ دىپلوم ئالغان 10 نەپەر ئۇيغۇر قارىي مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇسابىقىدە 30 پارە قۇرئاننىڭ خالىغان يېرىدىن سوئال سوراش ۋە تىز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىش، قۇرئاننى يېقىملىق قىرائەت قىلىش تۈرلىرى بويىچە ئىمتىھان ئېلىندى. نەتىجىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر قارىي 1 - 2 - 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 4 نەپەر قارىي 4 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان مۇسابىقە ھەققىدە توختالدى.
سېيىت تۈمتۈرك تۈركىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشتى
2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قەيسەرى شەھىرىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچراشتى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، 19 - قېتىملىق دۇنيا - ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش بويىچە تۈركىيە - ئېستونىيە كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قەيسەرى شەھىرىگە كەلگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىدە، باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن ئۇچراشقان ۋە بىرگە ئىپتار قىلغان. ئىپتار زىياپىتىدىن كېيىن ئۇلار سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرۇپ، خىتاينى ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار باش مىنىستىرغا گۈل تەقدىم قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" قويۇلماقچى بولغان تەيۋەن فىلىم فېستىۋال تور بېكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" قويۇلماقچى بولغان تەيۋەن گاۋشىيۇڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ تور بېتى نامەلۇم خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، بۇ يىل ئۆكتەبىردە تەيۋەن گاۋشىيۇڭ كىنو فېستىۋالىغا قويۇلماقچى ئىدى. مەزكۇر فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېستىۋال تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغۇچى خاككېرلار فېستىۋال تور بېتىگە، " شىنجاڭدا بولغان ۋەقەدىن خەۋىرىڭلار بار - يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. شۇ سەۋەبلىك قانچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ سەرسان بولغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بۇنىڭ ھەممىسىنى رابىيە قادىر كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەندەك ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان.
فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ليۇ شۇيىڭ، ھەر قانداق شەكىلدىكى قارشى پىكىرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەمما خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم تۈپەيلى پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە خانىم تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان مەزگىلدىمۇ، فېستىۋالىنىڭ تور بېتى ئوخشاشلا خىتاي خاككېرلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى چېقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى 8 - سېنتەبىر كۈنى رەسمىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چاقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. خەۋەردە، مەزكۇر بىنادا ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇ تۈپەيلى بىنانىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا، رابىيە قادىرنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ كۆرسىتىپ، ئارقىدىنلا رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم مەتبۇئات يۈزىدە ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
دائىرىلەر 22 - ئىيۇندا رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى دۇكاندارلارغا كۆچۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن شۇنداقلا سودا ساراينى چېقىش ئۈچۈن مۇنتىزىم ئىشخانا قۇرۇپ، مەخپىي ھالدا سودىگەرلەرنى كۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتقان بولسىمۇ، بىنانىڭ قايسى كۈنى چېقىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئەمەلىيەتتە، رابىيە قادىر سودا سارىيى 2006 - يىلىدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى نۇرغۇن چىقىم بىلەن يېڭىلىغان ئىكەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز نامىدىكى سودا بىناسىنى چېقىشقا كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىگە قايىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
دىلارە چولپان بولۇش ئارزۇسى ئۈچۈن باسقان تۇنجى قەدەم
گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق ناخشا چولپانلىرى مۇسابىقىسىگە، ميۇنخېندا ياشاۋاتقان تالانتلىق ئۇيغۇر قىزى دىلارە دولقۇنمۇ قاتناشتى. گەرچە ئۇ مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىقالمىغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ گېرمانىيە چولپانلار سەھنىسىدە كۆرۈنۈشى شۇنداقلا ميۇنخېن تېلېۋىزىيىسىنىڭ دىلارە ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى ھاياجانغا سالدى.
دىلارە دولقۇن، يېقىندا گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلگەن ئاممىباب ناخشا چولپانلىرى پروگراممىسىدا، گېرمانىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىباب ناخشا چولپانلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە ميۇنخېندىن تاللانغان چولپانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگەن.
دىلارە گېرمانىيە چولپانلار سەھنىسىدە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رېجىمى تۈپەيلى ئائىلىسى بىلەن گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرى ھەققىدە توختالغان.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ نەپىرى پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلدى
گۈەنتانامودا قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ نەپىرى پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر ئايلىق سۆھبەتتىن كېيىن پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى جورج كلارك بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، "مەن ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرى پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلدى، ئۇلار گۈەنتانامودىن بالدۇرراق ئايرىلىپ، پالاۋدا ئۆزلىرىگە يېڭى بىر ھايات قۇرۇشنى ھاياجان ئىچىدە كۈتمەكتە" دېگەن.
يەنە بىر ئادۋوكات ئېرىك تىرىشۋېلمۇ مۇخبىرلارغا: "مەن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇردىن 1 نەپىرىمۇ پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلدى. ئۇ 8 يىل ئارىدىن كېيىن ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشنى كۈتمەكتە" دېگەن.
ئامېرىكا ھازىر قالغان 10 نەپەر ئۇيغۇرغا بارىدىغان دۆلەت ئىزدىمەكتە. ئىلگىرى گۈەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن 5 نەپىرى ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى ئارال دۆلىتى بېرمۇدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
