گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى دەنھاخ شەھىرىدە نامايىش تەشكىللىدى

0:00 / 0:00

4-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ 7-يىلى خاتىرىلەندى. پائالىيەتنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىللىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدەمدە بولدى.

پائالىيەتتە 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن نامايىشنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ناھەق ۋە قانلىق باستۇرۇلغانلىقى تەنقىد قىلىندى.

نامايىشچىلار جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي خىتاينىڭ يېرىم ئەسىردىن ئاشقان ۋە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان باياناتىنى ئوقۇدى.

بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بېرى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش بولۇپ، نامايىش ئىشتىراكچىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ 7-يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىنكاس بەرگۈچىلەردىن بىرى، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان نەپرەت ئىپادىلىرى ۋە خىتايلارنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرى داۋامىدا ئەكس ئەتكەن ۋەھىمىلىك تراگېدىيەلىرىنىڭ شاۋقۇنلىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.