نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان.

ئاڭلاۋاتقىنىڭلار، نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نامايىش ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

باشقا شەھەرلەردىن كېلىپ نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن تۇرسۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نامايىش تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسچىت ئىمامى مەمەتئىمىن ھاجىم بۈگۈن روزا ھېيت نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نامازدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ۋاپات بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، جامائەتنىڭ بىردەك خىتاي ئەلچىخانىسىغا يۈرۈش قىلىپ نامايىش باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نورۋېگىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان غەمخورلۇقلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئەتىگەن سائەت ئون بىر يېرىمدىن چۈش ۋاقتى ئون ئىككى يېرىمغا قەدەر بىر سائەت داۋاملاشقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.