ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە (1)

0:00 / 0:00

«گۈلەن» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان تور يازغۇچىسى ۋە مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستقا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بىر قىيىن سوئالنى تاشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي «ئاساسىي قانۇنى» ۋە «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يول قويغان مۇمكىنچىلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ھەمدە ئانا تىلىدىكى مەدەنىيەت- مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش چۈشى ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟ خىتاي ئۆز قانۇنلىرىدا بېكىتكەن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە رېئاللاشتىمۇ؟

مەلۇمكى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاي قانۇنى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئانا تۇپراقتا ئۆز ئارزۇسىنى سىناپ كۆرۈش ئۇرۇنۇشى ئاخىرىدا ئۆزىدىن ئىلگىرى شۇ چۈشنى چۈشىگەن قانچىلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى.

خىتاي قانۇنى بويىچە شىركەت قۇرۇپ، خىتاي قانۇنلىرىدا تەكىتلەنگەن «ھەر مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىدا مائارىپ تەربىيىسى ئالىدۇ» دېگەن ماددا بويىچە ئانا تىلدا يەسلى ۋە مەكتەپ ئېچىشقا تۇتۇش قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ 4 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىندى. شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، كونكرېت ئەھۋالى ھەمدە قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ھېچنېمە بىلمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان جىيەنى مىرشات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئانا تىل يەسلىسى ئېچىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئاشكارا لېكسىيەلىرى ھەمدە توردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، دوستى ۋە بىر يۇرتلۇقى دوكتور ئەنۋەر مەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتى ۋە ۋەتەنگە قايتىش مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.